خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق تەقىب سىستېمىسى كۈچەيگەنسېرى چەتئەللەردىكى خىتاي پاسپورتى بىلەن سودا-تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىمنىڭمۇ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۇزۇندىن بۇيان تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتىكەن.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن موسكۋادىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. موسكۋادا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەر نەبى ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەۋەلىكىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىگە بولغان تەقىب ۋە كونتروللۇقنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن. ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئۇزارتىش ياكى يېڭىلاش تەلەپلىرى بىردەك رەت قىلىنىپ، ھەممىسىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى تەلەپ قىلىنغان. موسكۋادىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىدىن 3 نەپىرى بۇ يىلنىڭ ئىچىدە يۇرتىغا قايتقىنىدا ئايرودرومدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ھازىر قەيەرگە قامالغانلىقى، ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.
موسكۋادا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىجارەت بىلەن تۇرۇپ قالغان نۇرمۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق بېسىم ئىچىدە قالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە موسكۋادا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 3 نەپىرىنىڭ يۇرتىغا قايتقىنىدا ئىككى نەپىرىنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن، بىر نەپىرىنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
موسكۋادىن قايتىپ ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن بىرىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت ئابلەت بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان موسكۋادا تۇرۇپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشى ئىكەن. يەنە بىرى يۈسۈپجان ئىسىملىك 19 ياشلىق يىگىت بولۇپ، ئۇنى ئاتۇشتىكى دادىسى ساقچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. ھالبۇكى، يۈسۈپجان ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چۈشكىنىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتكەن ئۈچىنچى كىشى 24 ياشلىق ئىسمەتۇللا ئابلىمىت بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى بىلەن قايتىشتىن ئەنسىرەپ، موسكۋادىكى ھەمراھلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بېيجىڭ ئارقىلىق قايتماقچى بولغان. ئەپسۇسكى، ئۇ بېيجىڭ ئايرودرومىغا چۈشكىنىدە تۇتۇپ كېتىلگەن.
نۇرمۇھەممەت ئەپەندى يەنە موسكۋادا تىجارەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قوللىرىدىكى خىتاي پاسپورتىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، يېڭى پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار موسكۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بۆلۈمىگە بارغىنىدا «قولۇڭلارغا پەقەت ئۈرۈمچىگە قايتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىتلىق سېرىق پاسپورت بېرىلىدۇ. ھەممىڭلار قايتىشىڭلار كېرەك، ئۇ ياقتا ئىشىڭلار بار،» دېگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، شۇنچە كۆپ ئۇرغان تېلېفونلىرىمىزغا خىتاي ئەلچىخانىسى بەزىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىش، بەزىدە باش ئاپپاراتتىن ئۇلاپ بەرمەسلىك ئۇسۇلى بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.
موسكۋادىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئەھۋاللار ھەققىدە خەۋىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور ئابلەت سەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «بۇ ئەھۋاللاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار. مەن موسكۋاغا بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن نۇرغۇن ئەھۋاللارنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قىيىن بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بەرمەي، ئەكسىچە ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتىشقا مەجبۇرلاۋېتىپتۇ. ھەتتا مەن موسكۋادا چېغىمدا بىر ياش ئۇيغۇر يىگىت دادىسىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ۋەتەنگە قايتقىنىدا ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00