پۇتىن تۈركىيە زىيارىتىنى مۇستاپا كامالنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشتىن باشلىدى

0:00 / 0:00

رۇسىيە بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسايىن قويۇقلىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەنقەرەدە بىر كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كۆپ ساندا كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

سودا مىقدارى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سودا شېرىكى رۇسىيەنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى مەلۇم. رۇسىيە ھۆكۈمى قېتىم كېلەر يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە ئەرزان باھادا تەبىئىي گاز بېرىشكە ماقۇل بولغان.

قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشى ۋە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئىزچىل غەربنىڭ قاتتىق ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا ئۇچراپ، غەرب بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى كەيپىياتىمدا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان رۇسىيە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ رولى نېمە بولۇشى مۇمكىن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىنى ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇستاپا كامال ئاتا تۈركنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلىدى. قەبرىنى زىيارەت قىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ۋلادىمىر پۇتىن مۇستاپا كامالغا ئاتالغان خاتىرە دەپتىرىگە سۆز قالدۇرۇپ، « رۇسىيەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسىنى چوڭقۇر خاتىرىلەيدۇ. تۈركىيەنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدا ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىشقا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالايمىز» دەپ يازدى.

«روسسىيسكايا گازېتا»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت پۇتىن مۇراسىمدىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتىنىڭ يېڭى سارىيىغا قاراپ ئاتلاندى. ساراي ئالدىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئىككى دۆلەت مارشىنى ئورۇنداپ، داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدىن كېيىن پۇتىن بىلەن ئەردوغان ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، سارايغا كىرىپ، رەسمىي سۆھبىتىنى باشلىدى.

ئۇنداقتا، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك تۈركىيە زىيارىتىدىن نېمە نەتىجىلەر كۆرۈلدى ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. دىققىتىڭلار بۇ تەپسىلاتتا بولسۇن.