رۇسىيە تۈركىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00


شەنبە كۈنى رۇسىيە دائىرىلىرى تۈركىيەگە قارىشى بىر قاتار ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارارغا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئىمزا قويغان. رۇسىيەنىڭ بۇ قارارى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى تازا جىددىيلەشكەن مەزگىلگە ھەمدە دۈشەنبە كۈنى پارىژدا ئېچىلىدىغان كىلىمات يىغىننىڭ ئالدىغان توغرا كەلدى.

ئېمبارگو، تۈرك ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى، رۇسىيەدە سودا قىلىدىغان تۈرك شىركەتلىرى ۋە رۇس شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان تۈرك پۇقرالىرىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ب د ت پارىژدا چاقىرىدىغان بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا كىلىمات يىغىنىغا تۈركىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

جۈمە كۈنكى خەۋەرلەردە رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ پارىژدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى، پۇتىنىڭ ياردەمچىسى يۇئى ئۇشاكوۋ پۇتىننىڭ ئەردۇغان بىلەن كۆرۈشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كرېمىل دائىرىلىرى ئەردۇغاننىڭ كۆرۈش تەلىپى ھەققىدىكى رەسمىي قارارىنى تېخى ئېلان قىلمىغان.

24 - نويابىر تۈركىيەنىڭ F - 16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى رۇسىيەنىڭ SU - 24 تىپلىق بىر ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن.

تۈركىيە تەرەپ رۇس ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىغا ئۈسۈپ كىرىپ، تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقىنى كۆرسەتسە، رۇسىيە ھۇجۇمنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ مەسىلىسىدە بىر ئورتاق پىكىر ھاسىل قالالمىغان ئىدى.

شۇندىن كېيىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى جىددىي سوغۇقلىشىپ، رۇسىيە تۈركىيەگە قارىتىلغان رۇس ساياھەتچىلىكىنى توختاتقان، رۇس پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە ۋىزىسىز كىرىش تۈزۈمىنى بىكار قىلغان ۋە تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو قويىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن.

ئەردۇغانمۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تېلېۋىزىيەسى CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە تەرەپتىن ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

تۈركىيە رۇسىيەنىڭ 2 - چوڭ سودا شېرىكى، بۇ نۆۋەتلىك ئېمبارگونىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغا قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.