ناتو رۇسىيە قوشۇنلىرىنى ئۇكرائىنادىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى يەنە تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.01.22
ukrain-qirim-erkerliri.jpg ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى كىيەفقا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان رايوندا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارماقتا. 2014-يىلى 14-مارت، ئۇكرائىنا.
AFP

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش سېكرېتارى يېنىس ستولتېنبېرگ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.

ئەمما رۇسىيە تەرەپ ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنادا قوشۇنى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. شەرقىي ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپقا ئايلانغان بولۇپ، رۇسىيە بۇ مەسىلىدە بىر قانچە قېتىم ئىقتىسادىي ئېمبارگوسى ئۇچرىغان ئىدى.

چارشەنبە كۈنى ناتو باش سېكرېتارى بۇ چاقىرىقنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئېنىقلاش ئارقىلىق رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدا مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى، شۋېتسارىيەنىڭ دائۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىسادىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پېتىر پوروشېنكو رۇسىيەنى تەنقىد قىلىپ، ئۇكرائىنا تۇپرىقىدا زور ساندا رۇسىيە قوشۇنلىرى ۋە ھەربىي تېخنىكىلىرىنىڭ جايلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ سانى ھەققىدە توختالغان پېتىر پوروشېنكو شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرگە ياردەم بېرىۋاتقان 9 مىڭ نەپەر رۇسىيە ھەربىي خادىمى ۋە كۆپ ساندا زەمبىرەك ھەم تانكىلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. پوروشېنكو يەنە ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپتوبۇسقا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەسلىتىپ، بۇ ئاپتوبۇسقا رۇسىيە راكېتا ئوقى چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ۋەقەدىن كېيىن، ئۇكرائىنا ۋە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتىنى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەمما، ناتو باش سېكرېتارى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكونىڭ مەزكۇر سانلىق ئۇچۇرىغا ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلىپ، «بىز كونكرېت رەقەم ۋە مىقدار ھەققىدە توختالمايمىز» دەپ بىلدۈرگەن.

ئۇ، يەنە «بىز شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە قوراللىرىنىڭ سانىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقى، يەنى تانكا، زەمبىرەك، برونېۋىك ۋە ھازىرقى زامان ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەسلىھەلىرىنى كۆردۇق»دەپ ئەسكەرتكەن.

ئەمما، رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاركادىي دۋوركوۋىچ داۋوستا ب ب س نىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك رۇسىيە تېررىتورىيىسىدىن ئۇكرائىنا تۇپرىقىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىلىشقا ئائىت سۈننىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىنىڭ ساختىلىقىنى كۆرسەتكەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئۇكرائىنانىڭ مەزكۇر ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما، ئۇكرائىنا ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرنى قورال-ياراق ۋە ئادەم كۈچى بىلەن قوللاۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.

سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل چارشەنبە كۈنى مەخسۇس ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستان پايتەختى ئاستاندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىسمى ئاتالغان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت يىغىننىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىن مەزكۇر يىغىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن 20-يانۋاردىن باشلاپ، ئۆز قوشۇنىنى كۆپەيتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، 90 كۈن ئىچىدە 50 مىڭ ئەسكەر ئېلىشنى قارار قىلغان.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئارىسىدا قوشۇن سانىنى 250 مىڭغا يەتكۈزۈش پىكرى ئوتتۇرىغا چىققان.

نۆۋەتتە، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ئۆزلىرىنى مۇستەقىل دەپ جاكارلىغان لۇگانسك ۋە دونېسك رايونلىرىدىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيىسى ئارىسىدىكى جەڭلەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

پەيشەنبە كۈنى، ھەر قايسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى چارشەنبە كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە،گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ يەكۈنى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ « ۋېستى.رۇ» تورى مەزكۇر ئۇچرىشىشتا زور نەتىجە بولمىسىمۇ، ئەمما رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ بۇ يىغىندا توقۇنۇش رايونلىرىدىن ئېغىر قوراللارنى ئېلىپ كېتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى كرىزىسى ھەل قىلىشتا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىراق، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە دونېتسك شەھىرىدىكى بىر تراللېبۇسقا راكېتا ئوقى چۈشۈپ، 10 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ياتسۇنوك بۇ ۋەقەدە رۇسىيەنىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىدى. ئارقىدىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇكرائىنا تەرەپنى تەنقىد قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى يەنە پەيشەنبە كۈنى، 242 كۈندىن بۇيان ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ قولىدا تۇرۇۋاتقان دونېتسك ئايرودرومىدىكى ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنىڭ ئايرودرومنى تاشلاپ چېكىنگەنلىكى، ھازىر بۇ ئايرودرومنىڭ رۇسىيەپرەرەس كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئانالىزچىلار ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.