سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى ئالېكساندىر تۇرچىنوۋ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك ئوبلاستىدا ئومۇميۈزلۈك تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرچىنوۋنىڭ ئېيتىشىچە دونېتسك ئوبلاستىدىكى تېررورىزمغا قارشى بۇ ھەربىي ھەرىكەت باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ، بۇ ھەقتە ئۇكرائىنا پارلامېنتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە «يەنە تەكىتلەيمەنكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنى قوغداش، تېررورنى توختىتىش، جىنايەتچىلىكنى توختىتىش، مەملىكىتىمىزنى پارچىلىۋېتىشقا ئۇرۇنۇشنى توختىتىش» دەپ تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن ھەپتىدە دونېتسك، خاركوۋ، لۇگانسك قاتارلىق شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ دۈشەنبە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قانچە شەھەردىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە ساقچى ئىدارىلىرىنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى رۇسىيەپەرەس قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە نامايىشچىلارنى ئىگىلىۋالغان جايلارنى بوشىتىشقا چاقىرغان ئىدى.
دۈشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، شەرقىي ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ ئىزچىل ھالدا موسكۋانىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە، ئەمما رۇسىيە بۇنى ئىنكار قىلماقتا. ئامېرىكا،ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتى رۇسىيەدىن ئۇكرائىنا چېگرالىرىدىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا شۇنىڭدەك ئەگەردە رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىسا، ئۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ كەڭ ئېمبارگو قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس ئاھالىلىرى خۇددى قىرىمغا ئوخشاش رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشنى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. دونېتسك شەھىرىدىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادىن ئايرىلغانلىقى ۋە رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇكرائىنا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۇ بۇ رۇسلارغا يۇقىرى ئاپتونومىيە بېرىدىغانلىقى ۋە فېدېراتسىيەنىڭ تۈزۈمگە كۆچۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى 15-ئاپرېل كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن، شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەگە بولغان قوللاش مەيدانىنى بىلدۈرگەن.
شەرقىي ئۇكرائىنا رۇس تىللىق ئاھالىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رۇسىيە بىلەن چېگرىداش رايونلاردا ئۇكرائىنانىڭ ئاساسلىقى ئۈچ ئوبلاستى جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار خاركوۋ، دونېتسك ۋە لۇگانسك ئوبلاستلىرىدۇر. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىلەر رۇسلار ۋە رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ رايونلاردا رۇس تىلى ھۆكۈمران ئورۇندا بولۇپ، مەمۇرىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. بۇ ئۈچ ئوبلاستنىڭ ھەممىسى ئۇكرائىنانىڭ مۇھىم سانائەت، پەن-تېخنىكا، كانچىلىق، مەدەنىيەت مەركەزلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە سانائەت شەھىرى بولغان خاركوۋ شەھىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، نوپۇسى 1مىليون 450 مىڭدىن ئارتۇق، شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى رۇسلار تەشكىل قىلىدۇ. رۇس تىلى مەزكۇر شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەن.
خاركوۋ شەھىرى 1917-1934-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋاپەرەس بولشېۋىكلەرنىڭ قولىدىكى ئۇكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان ئىدى.
دونېتكس شەھىرىمۇ ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت، سودا-ئىقتىسادى بازىسى بولۇپ، نوپۇسى 950 مىڭ كىشىلىك بۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى رۇسلار تەشكىل قىلىدۇ.
ۋىكىپېدىيادىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە دونېتكس شەھىرىدە 493 مىڭدىن ئارتۇق رۇس، 478 مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىن ۋە 12 مىڭغا يېقىن بېلارۇس ئاھالىسى ۋە تاتار،يەھۇدىي قاتارلىق باشقا مىللەتلەر ياشايدۇ.رۇس ئاھالىسى شەھەر نوپۇسىنىڭ 48%ni تەشكىل قىلىدۇ. ئۇكرائىنالار 46%ni تەشكىل قىلىدۇ. دونېتكس ئۇكرائىنادىكى نوپۇس جەھەتتە 5-ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەردۇر. بۇ يەردە رۇس تىلى ئاساسلىق تىل ھېسابلىنىدۇ.
موسكۋاپەرەس بولشېۋىكلەر بىلەن ياۋروپاپەرەس مۇستەقىلچىلەرنىڭ تارىخى كۈرىشى
شەرقىي ئۇكرائىنادىكى دونېتكس، خاركوۋ قاتارلىق رايونلار ئەسلىدە چار رۇسىيەنىڭ زېمىنى بولۇپ، 1917-يىلى چار پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىن مىللەتچىلىرى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1917-يىلى 20-نويابىر كۈنى ئۇكرائىنا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. لېنىن ۋە تروتسكىي رەھبەرلىكىدىكى بولشېۋىكلەر ئۇكرائىنلارنىڭ رۇسىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت يولىغا مېڭىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئاستىرىتتىن دونېتسك ۋە خاركوۋ رايونلىرىدىكى رۇس بولشېۋىكلىرى ۋە بولشېۋىزم ئىدىيىسىدىكىلەرنى قوللاش ئارقىلىق 1917-يىلى دونېتسك-كىروۋوژ سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. بۇ جۇمھۇرىيەت 1918-يىلى مارت ئېيىدا موسكۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى ئۇكرائىن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى تەركىبىگە قوشۇلدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى دونېتسك، خاركوۋ ۋە لۇگانسك رايونلىرى، يەنى شەرقىي ئۇكرائىنا رايونى موسكۋادىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھىمايىسى ۋە تەسىرى ئاستىدىكى جايلار ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا يەنە غەربىي ئۇكرائىنلارنى ئاساس قىلغان مۇستەقىل ئۇكرائىن خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار كىيېۋنى پايتەخت قىلغان ئىدى، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستلار ئۇكرائىن بولشېۋىكلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق خاركوۋنى پايتەخت قىلىپ، ئۇكرائىنا سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئاخىرىدا 1920-يىلىغا كەلگەندە مۇستەقىل ئۇكرائىن خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۇكرائىن سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋەتتى.
ھازىرقى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۆزىنى دەل ئاشۇ 1917-1920-يىلىدىكى مۇستەقىل ئۇكرائىن خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىراسخورى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ بايرىقى ۋە دۆلەت بەلگىسىنى ئىشلەتكەن ئىدى. دېمەك، دونېتكس شەھىرىدىكى موسكۋاپەرەس رۇس ئاكتىپلىرى يەنە 97 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قايتىدىن دۆنېتسك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئۆز رايونىنى رۇسىيەنىڭ تەركىبىگە قوشۇش تارىخىنى تەكرارلىدى.
ئۇكرائىنانىڭ 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى تارىخى جەريانلىرىغا قارىغاندا، 1917-يىلى، چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى يىقىلغاندىن كېيىن ئۇكرائىن مىللەتپەرۋەرلىرى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىيېۋتا ئۇكرائىنا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ئېلان قىلغان بولسا، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى خاركوۋ ۋە دونېتسك شەھىرىدىكى رۇس ۋە بىر قىسىم كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە مەنسۇپ ئۇكرائىنالار موسكۋانىڭ قوللىشى ئارقىسىدا موسكۋاغا بېقىنىدىغان ئۇكرائىن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، كىيېۋتىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى قوللىغان مۇستەقىل ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتى بىلەن قارشىلاشقان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، پولشا بىلەن چېگرىداش غەربىي ئۇكرائىنادا مۇستەقىل غەربىي ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە ئىككى گۇرۇپپا مۇستەقىلىچى، يەنى بولشېۋىكلەر قارشى ئۇكرائىن مىللەتچىلىرى كىيېۋنى پايتەخت قىلىپ، تاكى 1920-يىلى قىزىل ئارمىيە ۋە باشقا رۇسىيەپەرەس كۈچلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى. ياۋروپانىڭ قوللىشىدىكى مۇستەقىل ئۇكرائىنا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاخىرى موسكۋانىڭ قوللىشىدىكى كوممۇنىست ئىدىيىسىدىكى ئۇكرائىنا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇكرائىنا تۇپرىقىدا تاكى 1991-يىلىغىچە ئۇكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ مەۋجۇت بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىل بولغاندا، 1917-1920-يىللىرى ئارىسىدىكى مۇستەقىل ئۇكرائىنا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ۋە بەلگىلىرىنى قايتا ئىشلىتىپ، ئۆتكەن تارىخنى يەنە تەكرارلىدى.
قىسقىسى، ئۇكرائىنا تارىختا غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇش نۇقتىسى بولغان بولسا، مانا ھازىر ئاشۇ تارىخ يەنە تەكرارلانماقتا.