رۇسىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00


يېقىندا رۇسىيەنىڭ بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتى پايتەختى ئۇلان-ئۇدې شەھىرىدە جايلاشقان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدىن ئۇيغۇرشۇناس ئالىمە دارىما دورجىيېۋانىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارلىق بايراملىرى ۋە ئەنەنىلىرى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى كونتېكىستىدا» ناملىق كىتابى رۇس تىلىدا نەشىر قىلىندى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىكلۇخو-ماكلاي نامىدىكى ئېتنولوگىيە ۋە ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان تەتقىقاتلىرى مەركىزى تەستىقلىغان مەزكۇر ئەمگەكنىڭ ھەجىمى ئون باسما تاۋاقتىن ئوشۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا غەربىي ياۋروپا، رۇس، ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان 300دىن ئوشۇق ئەمگەك پايدىلىنىلغان.

ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخچى دوكتور ئابلەھەت كامالوفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، ئۇلار ماكان ئەتكەن يەرلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، ھازىرقى تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلىرى ھەققىدە بولۇپمۇ رۇس تەتقىقاتچىلىرى ئىنتايىن كۆپ ئەمگەكلەر يېزىپ قالدۇرغان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «دارىما دورجىيېۋانىڭ كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئىلىم ھاياتىدىكى چوڭ بىر ۋەقە. بۇ كىتاب ئۇنىڭ دىسسېرتاتسىيىسى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، دارىما ئۆز ۋاقتىدا بۇ دىسسېرتاتسىيىسىنى مەشھۇر رۇس ئېتنوگرافى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى، رۇسىيەلىك شەرقشۇناس ئالىم ليۇدمىلا چۋىرنىڭ رەھبەرلىكىدە ياقلىغان ئىدى. دارىما ئۆز تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم ماۋزۇغا، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارلىق بايراملىرىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. تەتقىقاتچى بۇ بايراملارنىڭ ئۆتۈش ۋاقتىغا قاراپ باھار، ياز، كۈز ۋە قىشلىق ئۆرپ-ئادەتلەرگە بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ قەدىمىي دەۋىرلەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كىتابتا شۇنداقلا مەۋلۈت، بارات، رامىزان، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بايراملىرى ئالاھىدە تەتقىق قىلىنغان».

ئا. كامالوف ئۇيغۇر بايراملىرى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ ئېتنوگرافىيىلىك ئەمگەكلەردە مەلۇم دەرىجىدە ئۇچرىسىمۇ، ئامما د. دورجىيېۋانىڭ بۇ جەھەتتە ئەمگىكىنىڭ خېلى قىممەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «دارىمانىڭ تۆھپىسى شۇنىڭدىكى، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر جەمىيەتلىرىنى تەتقىق قىلغان رۇس سىياتچىلىرىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن خاتىرلىرىدىكى ماتېرىياللار ئانالىز قىلىنغان. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر كالېندارلىق بايراملىرى سېلىشتۇرما-ئوخشىتىش سىستېمىسىدا يۈرگۈزۈلىدۇ، يەنى ئاپتور ئۇلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ بايراملىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن بولسا، ئاپتور ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردە ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەدە بولۇپ، شۇ يەرلەردە يىغىلغان ماتېرىياللارنى پايدىلانغان. دارىمانىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى ئارىلاپ ماڭغان يوللىرى مېنىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ قازاقىستانغا كەلگەندە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا خېلى كۆپ ياردەم كۆرسەتكەن ئىدى. يىراق بۇرياتىيەدە ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن قىزىقىۋاتقانلىقى بىزنى خۇشال قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ يورۇققا چىقىشىنى پەقەت ئالقىشلاش كېرەك. ئۇلار پەقەت ئىلمىي جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى باشقا خەلقلەرنى ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشتۇرۇشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ».

كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، د. دورجىيېۋانىڭ بۇ تەتقىقاتىغا رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قالماق ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، تارىخچى دوكتور ئېلزا باكايېۋا ۋە پيېتر ۋېلىكىي نامىدىكى ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە مۇزېيىنىڭ خادىمى، تارىخچى دوكتور مارىيا رېزۋان، شۇنداقلا ئا ق ش ئىندىيانا بلومىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، تىلشۇناس دوكتور گۈلنىسەم نەزەروۋا ئۆز پىكىرلىرىنى بەرگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخچى دوكتور زۇلفىيە كەرىموۋا د. دورجىيېۋانىڭ بۇ كىتابىنىڭ يورۇققا چىقىشىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى تارىخىدىكى چوڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتمۈشتىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقىپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن باي ئەمگەكلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن رۇسىيەلىك ئالىملارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئەمدى دارىما شۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد ئالىملىرىنىڭ بىر ۋەكىلى. كىتابنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ مۇئەللىپى خېلى قىيىن ۋە مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئالدىغا قويۇپ، شۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان. يەنى ئالىم ئىلگىركى ياۋروپىلىق، ئامېرىكىلىق، رۇس سىياھەتچىلىرى ئوخشاش ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيىلەرنى يۈرگۈزۈپ، شۇ جەرياندا يىغقان ماتېرىياللارنى رەتلەشنى، ئىلمىي ئانالىز قىلىشنى بىلگەن. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىزچىل ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاندىن شۇ بىلىمىنى بۈگۈنكى ئەھۋالدا، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلگەن. دارىما ئۆز تەتقىقاتىدا ھازىرغىچە تارقاق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بارلىق ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بايراملىرىنىڭ يىللىق كالېندارلىق جەريانىنى قايتا تۈزۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق مەنىۋىي بايلىقىنىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئېتنو-مەدەنىي بوشلۇقىدا تۇتقان ئورنىنى ئېنىقلاپ، شۇنىڭغا ئۆزىنىڭ باھاسىنى بەرگەن».

ز. كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، د. دورجىيېۋا رۇسىيەنىڭ شەرقىي سىبىر رايونىدىكى چىتا شەھىرىدە 1983-يىلى تۇغۇلۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن،

بۇرياتىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇش داۋامىدا تۈرك، موڭغۇل، قەدىمىي ئوسمانلىچە ۋە خىتاي تىللىرىنى ئۆگىنىپ، ئاندىن 2003-يىلى خىتاينىڭ بىر رۇس تىلى ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي سەپەردە بولغان. ئۇ 2005-ۋە 2008-يىللار ئارىلىقىدا رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىكلۇخو-ماكلاي نامىدىكى ئېتنولوگىيە ۋە ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان تەتقىقاتلىرى مەركىزىدىكى ئاسپىرانتۇرىدا بىلىم تەھسىل قىلىپ، 2013-يىلى شەرقشۇناس ئالىم ل. چۋىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامزادلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى ئۇتۇقلۇق ياقلاپ چىققان. د. دورجىيېۋا 2006-ۋە 2008-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە غۇلجا شەھەرلىرى، قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر، پانفىلوف ۋە چېلەك ناھىيىلىرىدە ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەدە بولغان.