چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ دىپلوماتىك شېرىكلىك مەسىلىسىدە بارغانچە يېتىم قېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن دەتالىشى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ قارىلىۋاتقان رۇسىيەنىڭمۇ خىتاينى قوللىمايدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرمۇ يۇقىرىقى قاراشلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتا زېمىن تەلىپى قويۇشى ھەمدە ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە بىسىم ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ناچارلىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيەگە ئۆكتەملىك قىلىشى، جەنۇبىي دېڭىزدا بولسا ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە قوراللىق تەھدىت سېلىشى، غەربىي-جەنۇپتا ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا ماجىرالىرى خەلقئارادا خىتاينى مىسلىسىز يېتىم ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
«يېڭى ئېرا» تورىنىڭ يېقىنقى سانىدا يېڭى دېھلى سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور بىراھما چېللانىنىڭ «دوستى يوق خىتاي ھاكىمىيىتى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
پروفېسسور بىراھما چېللانى بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: خىتاي ھاكىمىيىتى گەرچە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، زېمىن كېڭەيمىچىلىكى سەۋەبىدىن خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلمەستىن قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ياپونىيە، ھىندىستان، ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زېمىن تالاش-تارتىشى قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى كەلگۈسىدە يەنە مالايشىيا، كورېيە، بۇتان، ھىندونېزىيە ھەمدە بىرۇنى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ زېمىن تالىشىش سەۋەبىدىن قوراللىق توقۇنۇشلارغا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.
«دوستى يوق خىتاي ھاكىمىيىتى» ناملىق ماقالىدا يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: خىتاي ھاكىمىيىتى رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە، قىرغىزىستان ھەمدە بىرما قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا چېگرا كېلىشىمنامىلىرىنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئەسەبىي مىللەتچىلىرىنىڭ «تارتتۇرۇپ قويغان خىتاي زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش» ھەققىدىكى چۇقانلىرى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.
«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىدە يورۇق كۆرگەن «بېيجىڭنىڭ دوستى يوق» ناملىق ماقالىدا بولسا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، كىنو- تېلېۋىزىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ياپونلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئۇرۇشنى ياپونىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى، بىراق بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ھېچقانچە ياردىمى بولمىغانلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن تالاش-تارتىشىنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى يەر شارى ئىستراتېگىيىسى سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ياپونىيەنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان ئاساسلىق ئامىل دەپ قاراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بېرىلگەن.
خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋالى ھەمدە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرى مۇنداق دەيدۇ: خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدىن قاراشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچىسى؛ خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋالى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىم مۇتلەق سىياسىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ناھايىتى زور قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مۇستەملىكە قىلىنغان رايونلاردىلا ئەمەس خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىمۇ خەلقنىڭ كوممۇنىست ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقىغا، ساقچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ھەرىكەتلىرى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا، خىتاينىڭ تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە دىنىي ئەسەبى كۈچلەرگە زەربە بېرىش نامى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل رادىكال ئۇسۇللار ئارقىلىق قارشىلىق ئۆكسۈتۈشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ قانلىق باستۇرۇش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىقلارغا قارىتا خەلقنىڭ دىققەت-نەزىرىنى باشقا ياققا بۇرىۋېتىش مەقسىتىدە ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەستەن جىددىيلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق خىتايلارنىڭ ئەسەبى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى قوزغاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.
ئىككىنچىدىن؛ خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە يولسىزلىق بىلەن زېمىن تەلىپى قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي مىللەتچىلىرى بولسا، بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش «بۈيۈك جۇڭخۇانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تارتتۇرۇپ قويغان بارلىق زېمىنلىرىمىزنى قايتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك» دەيدىغان بىمەنە سەپسەتىنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى دۇنيادا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېتىم ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ مەسىلىلەر خىتايدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ، خىتايدا ھەقىقىي بىر دېموكراتىك تۈزۈلمە بارلىققا كەلمەي تۇرۇپ ھەل بولمايدۇ.
«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ «بېيجىڭنىڭ دوستى يوق» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتىكى ئوسال ھالەتتىن قۇتۇلۇش كويىدا رۇسىيەنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيەگە قارشى سەپكە قېتىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇكرائىنا بىلەن بولغان جېدەل سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچراۋاتقان رۇسىيە خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى. چۈنكى خىتاينىڭ رەقىبلىرى بولغان ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە ياپونىيەلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان رۇسىيە خىتاينىڭ مەنپەئەتنى دەپ بۇ دۆلەتلەر بىلەن يىرىكلىشىپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ھىندىستان ھەم ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ بۇلارنى زور كۆلەمدىكى ئەڭ يېڭى ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى شۇنداقلا سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇشنى رەت قىلىشى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەردىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.