7-8- ئىيۇن كۈنلىرى سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت، يەنى «G7» نىڭ باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئەسلىدىكى 8 سانائەتلەشكەن دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسى نەتىجىدە ئۆتكەن يىلى رۇسىيە تەشكىلاتتىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئېچىلغان ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى ئىدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت، رەھبەرلىرى بىردەك ھالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە موسكۋاغا قاراتقان ئېمبارگونىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇھاكىمە قىلىندى.
10-ئىيۇن كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىتالىيەنى زىيارەت قىلغان ئېيتقان سۆزىدە رۇسىيەنىڭ «G7» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
«سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت» رەھبەرلىرى يىغىنى تامام بولغان بىر ۋاقىتتا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ 8-ئايدا ياپون دېڭىزىدا ئۆتكۈزىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
موسكۋا-بېيجىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى كۆپەيمەكتە
رۇسىيەنىڭ ئىتار-تاسس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەربىي رايونىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك ئالېكساندىر گوردىيېۋ رۇسىيەنىڭ پرىمورسكي رايونى تەۋەلىكىدە 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئورۇنلىرىنىڭ بېكىتىلىپ بولۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ياپون دېڭىزىدا ئۆتكۈزىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىرىدۇر.
بۇ يىل 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دېڭىز ھەرىكىتى-2015» دەپ ئاتالغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىردا رۇسىيە ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى بىرلىكتە قۇرۇقلۇققا چىقىش ۋە پاراشۇتتىن سەكرەش ۋە باشقا تۈرلەر بويىچە مەشىقلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.
رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي خادىملىرى بىرلىكتە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋلادىۋىستوك شەھىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كنېۋىچ ھەربىي ئايرودرومى ۋە رۇسىيە تىنچ ئوكيان پىلوتىنىڭ مەشىق مەيدانى كلېركا رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە بۇ جايلار ئىككى دۆلەتنىڭ مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان قىسىملىرىنىڭ پاراشۇتتىن سەكرەش ۋە قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىش مانېۋىرى قىلىدىغان ئورۇنلىرى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن.
رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرنى پىلانلاشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە مانېۋىر تەييارلىق خىزمەت-پلانلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەققىدە يىغىن ئاچقان.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا ياپون دېڭىزى رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ 2015-يىللىق بىر قاتار ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەتتۇر. تېخى يېقىندا خىتاي ۋە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 10 پاراخوتى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىناتتى.
ب ب س نىڭ يېزىشىچە، خىتاي ھەربىي ۋەكىللىرى رۇسىيەنىڭ «ئارمىيە-2015» دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي كۆرگەزمىسىگە ۋە تانكا باتالىيونلىرىنىڭ مۇسابىقىسىگە ھەم باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن.
ھەمكارلىقلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى
يېقىندا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۈن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پۈتۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابلىرى ئارىسىدا دىئالوگلار، بولۇپمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەسىلىلىرى بويىچە سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشقا ماقۇل بولۇشقان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىر جەنۇبى دېڭىز تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار كۈچەيگەن، ياپونىيە بىلەن خىتاي، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئىختىلاپ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە يەنە كېلەر يىلى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى رايونىدا ئۆز شېرىكلىرى بىلەن بىرگە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن. رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونوۋ يېقىندا بۇ ھەقتە توختالغان ئىدى. ئەمما، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىگە ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالماقتا. ئەلۋەتتە، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى ۋىيېتنام رۇسىيەنىڭ مۇھىم شېرىكىدۇر.
موسكۋا-بېيجىڭ بىرلەشمە مانېۋىرلىرى دائىم ئىنكاس قوزغايدۇ
8-ئايدا ياپون دېڭىزى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىققەت قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال بولسا كېرەك.
ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپ يەنىلا ئۆتكۈر ھالدا تۇرۇۋاتقاندا كۈچىيىۋاتقان رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقلار جۈملىدىن بىر قاتار ھەربىي ھەمكارلىقلار كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر رۇسىيە مۇتەخەسسىسى مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىتوۋكىن دەپ ئاتالغان مەزكۇر مۇتەخەسسىس «رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن تۇتۇشمايدۇ. ھەربىي مانېۋىر ئامېرىكا ۋە ياكى ياپونىيەگە سىگنال بېرىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈلمەسلىكى كېرەك» دېگەن.
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى بۇرۇنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. 2005-يىلى ئىككى دۆلەت شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ چاغدىكى بىرلەشمە مانېۋىردا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دانە تانكىسى سۇغا چۆكۈپ كېتىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققان ئىكەن.
موسكۋا بېيجىڭنى قوراللاندۇرماقتا
خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلىرى قاتارىدا ھەربىر تېخنىكا سودىسىنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى سىر ئەمەس، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي تېخنىكا ۋە ئىلغار قوراللارنى سېتىۋالىدىغان شېرىكىدۇر.
رۇسىيە مۇتەخەسسىسى مىخايىل تىموشېنكونىڭ رۇسىيەنىڭ «تېلېزۋېزدا.رۇ» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، رۇسىيە خىتايغا ھازىرغىچە يۈزدىن ئارتۇق «سۇ-27» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بەرگەندىن تاشقىرى ھەتتا بۇ ئايروپىلانلارنى ئىشلەپ چىقىرىش رۇخسىتىنىمۇ بەرگەن.
بۇ ھال خىتاينىڭ ئۆز ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ياسىشىدا پايدىلىق ئىمكانىيەت ياراتقان.
رۇسىيە يەنە س-300 تىپلىق «فاۋاروت» ماركىلىق ھاۋا مۇداپىئە زېنىت راكېتاسىسېتىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە س-400 تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىدىن سېتىپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلى رۇسىيەنىڭ خىتاينى ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشى 9% بولغان بولسا 2012-يىلى 12% كە ئۆسكەن.
بىر قىسىم غەرب ۋە رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىتتىپاقداشقا ئايلانغانلىقى ۋە بۇ ئىتتىپاقداشلىقنىڭ غەربكە، جۈملىدىن ناتوغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.