خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ تۇنجى قېتىم باش مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن 12-ئۆكتەبىردىن 14-ئۆكتەبىرگىچە موسكۋادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترى مېدۋېدېۋ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى كېچاڭنىڭ بۇ زىيارىتى رۇسىيە، ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچراپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا كۆپ تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالىنىش بىلەن خەلقئارا مۇناسىۋەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەلۋەتتە، بۇ كېلىشىملەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئائىت ئىكەنلىكى مەلۇم.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭنىڭ موسكۋا سەپىرىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 13-ئۆكتەبىر كۈنى لى كېچاڭ ۋە رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشى رامكىسى ئاستىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
14-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن لى كېچاڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
رۇسىيە خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى باش مىنىستىر ئارىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 40 قا يېقىن كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلدى. رۇسىيەنىڭ «دەلىللەر ۋە پاكىتلار» گېزىتى ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ساھەگە ئائىت كېلىشىملىرىنىڭ نامى ۋە مەزمۇن دائىرىسى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، بۇ كېلىشىملەر ئېنېرگىيە، مالىيە، ئالاقە، تاموژنا، ترانسپورت ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەر ھەم باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپتۇر.
«رۇسىيە تېلېۋىزىيىسى»نىڭ نەق مەيدان خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترى مېدۋېدېۋ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلارغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، ئۇ لى كېچاڭنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لى كېچاڭنى موسكۋادا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «خىتاي بىزنىڭ تاشقى سودا شېرىكلىرىمىز ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يېقىنقى ئالتە يىل ئىچىدىلا ئىككى تەرەپ سودىسى ئەمەلىيەتتە ئىككى قاتلاندى، يەنى 40 مىليارد دوللاردىن 90 مىليارد دوللارغا يەتتى. بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ مەقسەتلىرىمىز بار..» دېگەن.
مېدۋېدېۋ سۆزىدە يەنە بۇ يىل ھەتتا ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ 5% ئاشقانلىقىنى، 2015-يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ سودىسىنى 100 مىليارد دوللارغا، 2020-يىلى 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى كېچاڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
لى كېچاڭ بىلەن دمىترى مېدۋېدېۋنىڭ ئۇچرىشىشى خۇلاسىنى سۈپىتىدە مەزكۇر ئىككى باش مىنىستىر ئاخىرىدا «رۇسىيە-خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ئۇچرىشىش بىرلەشمە باياناتى» نى ئىمزالىدى.
لى كېچاڭ بىلەن دمىترى مېدۋېدېۋنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىكلىرىدىن بىرى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز كېلىشىمى بولۇپ، رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپ رۇسىيەنىڭ«سىبىرىيە كۈچى» دەپ ئاتالغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى، يەنى «شەرقىي لىنىيە» بويىچە خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈشتى. ئەمما، بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ ئارىسىدا غەربىي سىبىرىيەدىن خىتايغا تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان «ئالتاي» لىنىيىسى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ مەسىلە كېلەر يىلىغا قالدۇرۇلدى.
ئىككى تەرەپ يەنە بانكا-مالىيە ساھەسىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى رۇسىيەنىڭ «تاشقى سودا بانكىسى»غا ئىككى مىليارد دوللار قىممىتىدە قەرز بېرىشكە ماقۇل بولغان. كېلىشىم بويىچە قەرز ئالغان رۇسىيە بانكىلىرى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك، رۇسىيە پۇل-ئامانەت بانكىسى، خىتاينىڭ «خۇئاۋې» شىركىتىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىدۇ، رۇسىيەنىڭ يانفون ئالاقە شىركىتى«مېگافون» خىتاي تەرەققىيات بانكىسىدىن قەرز ئالىدىكەن.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىمزالانغان مەزكۇر زور ساندىكى كېلىشىملەرنىڭ، جۈملىدىن رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ غەرب ئېمبارگوسىغا دۇچ كەلگەن رۇسىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى يۇقىرى باھالار كۆرۈلگەن. رۇسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ۋلادىمىر مانتۇسوۋ ئىمزالانغان بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، بولۇپمۇ رۇسىيەگە ئېمبارگو قويۇلغان ئەھۋالدا رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دوكتور ئالېكساندىر لۇكىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىنىڭ رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش يولىنى تۇتۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ خىتايدىن غەرب بېرىشنى توختاتقان تەييار مەھسۇلاتلار، تېخنولوگىيە ۋە قەرز پۇلى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندىمۇ رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، رۇسىيە بۇ ئارقىلىق غەربكە ئۆزىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە تايىنىدىغان يەنە بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ يەنە پۇتىننىڭ غەربكە تاقابىل تۇرۇشتا قوللانغان تاكتىكىسىدىن ئىبارەت. بۇ سىياسەت يەنە ۋاقتى كەلسە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
لېكىن، رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى ئارىسىدا يەنە رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئۇنچىۋالا ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلمىغانلىقى، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ پەقەت ئېھتىياجنى ئاساسىي قىلغانلىقىغا ئائىت قاراشلارمۇ مەۋجۇت.
