موسكۋا-بېيجىڭ ھەمكارلىقىنىڭ رىقابەت نۇقتىسى: خام ئەشيا مەنبەسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا
2014.10.15

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ تۇنجى قېتىم باش مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن 12-ئۆكتەبىردىن 14-ئۆكتەبىرگىچە موسكۋادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترى مېدۋېدېۋ، پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى شۇنىڭدەك رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا 40 قا يېقىن كېلىشىم ئىمزالاندى.
ئەلۋەتتە، بۇ كېلىشىملەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئائىت ئىكەنلىكى مەلۇم. رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار ئارىسىدا يەنىلا ئوخشىمىغان باھالار مەۋجۇت. رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى ئارىسىدا يەنە رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئۇنچىۋالا ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلمىغانلىقى، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ پەقەت ئېھتىياجنى ئاساسىي قىلغانلىقىغا ئائىت قاراشلارمۇ مەۋجۇت. بولۇپمۇ رۇسىيەلىكلەر ئارىسىدا خىتاي بىلەن بولغان سودىدا خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەلىكلەرنىڭ خىتايغا چىقىرىدىغان مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىق بىر قىسىم ھەربىي قورال-ياراقلار ۋە باشقا ئاز تۈردىكى ئېغىر سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسلىقى رۇسىيە خام ئەشيالىرىنى ساتىدۇ. بۇ سەلبىي ئىنكاسلارغا سەۋەب بولماقتا.
رۇسىيەدىكى شەرقىي ئاسىيا ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزىي دىرېكتورى دوكتور ئالېكساندىر لۇكىن ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا قىلغان سۆزىدە «خىتاينى ئۇنچىۋالا ئىدېياللاشتۇرماسلىق كېرەك ۋە ئۇنى رۇسىيەنى قۇتۇلدۇرىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ دېمەسلىك كېرەك،» دەيدۇ. لۇكىن ئەپەندى يەنە «خىتاي ئۈچۈن كەم دېگەندە خام ئەشيا ۋە بازار كېرەك، ئەمما، ئۇنىڭ بازىرى بىر قەدەر كۆپ ۋە باشقا جايلاردا بار، رۇسىيە، پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن خام ئەشيا مەنبەسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىدىكى «بلۇمبېرگ» سەھىپىسىدە ئانالىزچىلاردىن خېنرى مېيەر ۋە ئېۋگېنى پىسمېننايانىڭ «پۇتىن خىتايغا كوزۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋاتىدۇ، ئېمبارگو ئۇنىڭ شەرقىي رىقابەتچىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
رۇسىيە-خىتاي يېڭى ھەمكارلىقلىرىغا ئائىت مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، موسكۋا ئالىي ئىقتىساد مەكتىپىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتى يېتەكچىسى ئالېكسېي ماسلوۋمۇ بۇ خىل پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇ «خىتايلارنىڭ ئاساسلىق قىزىقىشى خام ئەشيا ماتېرىياللىرى، ھەرگىزمۇ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىش ئەمەس،» دەيدۇ. ئۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسىدا رۇسىيەنىڭ ئاساسلىقى خام ئەشيا چىقىرىشقا تايىنىپ قالغانلىقىنى شەرھلەپ، «مەزكۇر كۆپ تۈرلۈك سودىدا بىزنىڭ 70% ئېكسپورتىمىز خام ئەشيادۇر. بىز بۇ رەقەمنى قىسقارتىشنى خالايمىز، ئەمما خىتاي بۇنى خالىمايدۇ» دېگەن.
گەرچە، بۇ قېتىم مەتبۇئاتلاردا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا شەرقىي لىنىيە بويىچە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلاردىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ يەنىلا كۆپىيىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. «رۇسېنېرگي» شىركىتىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلىرى ئانالىزچىسى مىخايىل كرۇختىخىن ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇ، «رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئېنېرگېتىكا ساھەسىدىكى سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، «سىبىرىيە كۈچى» گاز تۇرۇبۇسى سىستېمىسىدىكى «شەرقىي لىنىيە» دەپ ئاتالغان كېلىشىم پەقەت بلاگوۋېشېنسك ئەتراپىدىكى چېگرادىن گاز تۇرۇبىسى ئۆتكۈزۈشكە ئائىت تېخنىكا كېلىشىمىدىن ئىبارەت» دېگەن. ئۇ يەنە «سىبىرىيە كۈچى» گاز تۇرۇبىسى بويىچە ئېنىقسىزلىقلار بارلىقى، يەنى، خىتايغا رۇسىيە گازلىرىنى يەتكۈزۈشنى قاچاندىن باشلايدىغانلىقىغا ئائىت ئاي-كۈننىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئالتاي» گاز تۇرۇبىسى بويىچە ھازىر ھېچقانداق ئىلگىرىلەش مەۋجۇت ئەمەس، خىتايلارنىڭ بۇ نۇقتا بويىچە گاز ئېلىشقا پەقەت ئېھتىياجى يوق. چۈنكى، ئۇ يەردە «ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئۈچ تارمىقى ئۆتىدۇ. مەزكۇر رۇس مۇتەخەسسىسى يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىدىغان تارمىقىنىڭ ئىش ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ھەقىقەتەن ھازىر خىتاينىڭ بۇ يۆنىلىشكە جىددىي ھاجىتى يوق.
پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستانلار بىلەن زور مىقداردا تەبىئىي گاز كېلىشىمى تۈزگەن. ئۇنىڭ قازاقىستان بىلەنمۇ زور مىقداردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كېلىشىمى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتلىرى ۋە تەبىئىي گازلىرى خىتايغا كىرمەكتە. بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ «ئالتاي» لىنىيىسى ئارقىلىق رۇسىيە گازلىرىنى قىممەت باھادا ئېلىش ھاجىتىنى تۆۋەنلەتكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر تەبىئىي گاز سودىسىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ رۇسىيە مەنپەئەتلىرىگە زىيان كەلتۈرۈشى تەبىئىي، مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رۇسىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي-ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەسىر كۈچىنى چەكلىشى مۇمكىن.