12-14-ئۆكتەبىر كۈنلىرى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ موسكۋادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، 19-نۆۋەتلىك رۇسىيە-خىتاي باش مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەمدە رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ ۋە پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئۇچراشتى. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 38 كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى مەلۇم.
تەبىئىي گاز ۋە بانكا قەرزى قاتارلىقلار ئەڭ مۇھىم كېلىشىملەر ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن زور مىقداردا سودا-ئىقتىسادىي ھەم تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىتىشقا تىرىشىشى ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئالدى.
رۇسىيە سىياسىيونلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا خىتاي-رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار ۋە ئانالىزلار داۋاملاشماقتا.
رۇسىيە بىلەن ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل يۇقىرى باھالىنىپ ۋە مەدھىيىلىنىپ كېلىنسىمۇ، ئەمما ئىككى ئەل جامائىتى ئارىسىدا رۇسىيە-خىتاي دوستلۇقىنىڭ ھەقىقىي چوڭقۇرلۇقىغا ئىشەنمەسلىك خاھىشى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى.
ئىككى تەرەپنىڭ سودا-ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە قارىتا ھەر خىل كۆز قاراشلار داۋاملاشماقتا.
رۇسىيە ژۇرنالىستى ئولېگ گلائۇدىنوۋ رۇسىيەنىڭ «ئەركىن مەتبۇئات» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلغان «خام ئەشيا مۇستەملىكىسى ئەبەدىي بولامدۇ؟ رۇسىيە خىتاينىڭ نېفىت مەنبەسىگە ئايلىنىشقا تەۋەككۈل قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدىكى ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا بولغان ئىجابىي ۋە سەلبىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق سىياسىي مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىرى بورىس نېمسوۋنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە خىتاينىڭ خام ئەشيا ئۆلكىسىگە ئايلانماقتا. نېمسوۋ ئۆزىنىڭ بۇ يەكۈنى ئۈچۈن يەتتە خىل ئىسپاتنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تىزىملىكىدە رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىنىڭ خىتاينى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى، رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ خىتاي بانكىلىرىدىن قەرز ئېلىپ قەرزگە بوغۇلۇشى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا سۇ-35 ۋە س-400 تىپلىق ۋە باشقا ئەڭ ئەڭ ئىلغار ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي تېخنىكىلىرىنى سېتىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە باشقىلار مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا باغلىنىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن چۈشىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ئەمما ئەلۋەتتە، يەنە بەزى رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، ياۋروپا ماللىرى تەسلىكتە بارىدىغان يىراق شەرقنى خىتاي ماللىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ شەرھلەشكەن.
خىتاي مىللەتچىلىك ئېقىمىدىكىلەر، بولۇپمۇ زىيالىيلار قاتلىمىدا رۇسىيەنى 18-19-ئەسىرلەردە جۇڭگونىڭ زېمىنلىرىنى ئەڭ كۆپ بېسىۋالغۇچى دەپ قاراش ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغىچە جۇڭگوغا ھەر خىل بېسىملارنى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ چوڭ ئاكىلىق ئورنىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش پىكىرلىرى مەۋجۇت.
ھەتتا جۇڭگو-سوۋېت 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت رەقىبلىك دەۋرىنى، ھەتتا دامانسك چېگرا توقۇنۇشىدەك ھەربىي توقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ۋاقىتلاردا خىتايدا سوۋېت سوتسىيال جاھانگىرلىك ۋە سوۋېت دۈشمەنلىك ئىدىيىسى كۈچەپ تەشۋىق قىلىندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بولسا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىشى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيەدىكى ھەرىكەتلىرى يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى رۇسلاردا «خىتاي تەھدىتى» ئىدىيىسىنى كۈچەيتتى. بۇ ھەقتە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلىگەن سەلبىي پىكىردىكى ئۇچۇرلار ۋە ئانالىزلار ئېلان قىلىندى. شۇڭا رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇنچىلىك چوڭقۇر بولۇشىغا ئىشەنمەسلىك يەنىلا مەۋجۇت. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن رۇسىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب بىلەن مەدەنىيەت،ئىدىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىن يېقىنلىشىۋاتقانلىقى دائىم يېزىلماقتا. رۇسلارنىڭ ياۋروپا مىللىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەدەنىيەت، دىنى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت كىملىكلىرىنى ياۋروپا كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىمۇ دائىم تىلغا ئېلىنماقتا.
ئامېرىكىدىكى «بلۇمبېرگ» سەھىپىسىدە ئانالىزچىلاردىن خېنرى مېيەر ۋە ئېۋگېنى پىسمېننايانىڭ «پۇتىن خىتايغا كوزۇرلىرىنى تاپشۇرۇۋاتىدۇ، ئېمبارگو ئۇنىڭ شەرقىي رىقابەتچىسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. «بلۇنبېرگ» مەجۇمەسىنىڭ ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە مۇتەخەسسىسى تىتوۋ ئەنە شۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مۇھىم ئامىل،مەدەنىيەت خاراكتېرىدۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىستىلىدىكى شىركەتچىلىككە كۆنگەن. شۇڭا ئۇلار كېلىشىملەرنىڭ قانۇنى كۈچىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما خىتايلىقلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ يازما ۋەدىلىرىنى ناھايىتى ئاز ئىجرا قىلىدۇ.
رۇسىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى كېچاڭ بىلەن دمىتىري مېدۋېدېۋ يەنە موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۆزئارا سودىسىدا ئۆز دۆلەت پۇللىرى، يەنى رۇبلى ۋە خەلق پۇلىنى ئىشلىتىشنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈشكەن. مېدۋېدەۋ، رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت سودىسىدا خەلق پۇلى بىلەن رۇبلى ئىشلىتىش ئىدىيىسى پەقەت سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلار پەقەت غەربكە رىقابەت پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن، ئەمەلىيەتتە خەلقئارا سودىدا ئىزچىل ياۋرو ياكى ئامېرىكا دوللىرى ئىشلىتىلىدۇ.
مەلۇمكى،ئۇكرائىنا كرىزىسى نەتىجىسىدە غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە قارىتا بىر قانچە قېتىم ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويغان بولۇپ، بۇ، رۇسىيەنىڭ بانكا، ئېنېرگىيە، سودا-ئىقتىسادىي ساھەلىرىگە قارىتىلغان شۇنىڭدەك رۇسىيە ئىقتىسادىدا قىيىن ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن ئىدى. دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئۇكرائىنا كرىزىسى ھەل بولسا، غەرب رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا موسكۋانىڭ خىتايغا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەيدۇ.