ياپونىيە ئاخباراتى: ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن رۇسىيە ئەمەلدارى ياپونىيەگە كەلدى

0:00 / 0:00

قىرىم مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن 45 نەپەر رۇسىيە ئەمەلدارى ئىچىدىن نامى ئورۇن ئالغان رۇسىيە پارلامېنت ئەمەلدارى سېرگېي ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ ئالاھىدە ئىجازەت بېرىشى بىلەن 2-ئىيۇندىن باشلاپ ياپونىيەدە ئىككى كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولغان.

بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، رۇسىيە پارلامېنت ئەمەلدارى سېرگېينىڭ ياپونىيەگە زىيارەتكە كېلىشىگە رۇخسەت بېرىلىشى، ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ شىمالىي ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك ئىستراتېگىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن سېرگېينى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئاقساراي بۇنىڭدىن تولىمۇ بىئارام بولغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىن بىئارام بولۇشىدىن ئەنسىرىگەن بىر قىسىم ياپونلار «بۇ مەسىلە 4-ئىيۇن برىيۇسسېلدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت يىغىنى مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا كۆلەڭگە پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دەپ قارىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ 3-ئىيۇن سانىغا «ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن رۇسىيە پارلامېنت ئەمەلدارى ياپونىيەگە كەلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە مەدەنىيىتى فېستىۋالىدا رۇسىيە پارلامېنت ئەمەلدارى سېرگېي پرېزىدېنت پۇتىننىڭ تەبرىك سۆزىنى ئاڭلاتقان. ئارقىدىنلا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ مەسلىھەتچىسى سېكو، ئابېنىڭ بۇ مۇراسىمغا يوللىغان تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئابې تەبرىك خېتىدە «مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇراسىمغا يوللىغان تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، مۇراسىم زالى قىزغىن ئالقىش سادالىرىغا چۆمگەن بولۇپ، كۆپچىلىك بىردەك رۇسىيە ئەمەلدارى سېرگېينىڭ خىزمىتىگە «رۇسىيە-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى» دەپ يۇقىرى باھالار بەرگەن.

رۇسىيە ئەمەلدارىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالغان ۋەتەنپەرۋەر ياپونلاردىن ساكى خانىم،زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «يالتا كېلىشىمىدىكى ياپونىيە ئارال مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىپ، شىمالىي ئارالنىڭ بالدۇرراق ئۆز تۇپرىقىمىزغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپلىگەن ياپون دىپلوماتلىرى بولسا «ئابې رۇسىيە بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، شىمالىي ئارال مەسىلىسىنى سۆزلىشىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ پەرەز قىلغان. ياپونىيە ساھىپخانلىقىدىكى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە مەدەنىيەت فېستىۋالىغا ئىككى تەرەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان بولۇپ، ماقالىدە «سېرگېي ئىلگىرى رۇسىيەگە مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولغان، ھازىر بولسا رۇسىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە شۇنداقلا پۇتىننىڭ مەسلىھەتچىسى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رۇسىيە ھاكىمىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق سىياسىي ئەرباب. ئابې شۇڭا شىمالىي ئارال مەسىلىسىنى يېشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشتى» دېيىلگەن.

بۇ يىل يۈز بەرگەن ئۇكرائىنادىكى قىرىم مەسىلىسى سەۋەبىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن 23 كىشىنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى، ئەمما بۇ تىزىملىكلەر ئىچىدىن سېرگېينىڭ ئىسمى ئورۇن ئالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ياپونىيەگە بىمالال كىرەلىگەنلىكى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن سۇگانىڭ 2-ئىيۇن توكيودا مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «بۇ قېتىم توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە مەدەنىيەت فېستىۋالى قىرىم مەسىلىسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت ئۆز - ئارا بېكىتكەن پائالىيەت. بۇ پەقەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى شۇنداقلا رۇسىيە ئەمەلدارى سېرگېينىڭ ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىلانى يوق» دېيىلگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم دىپلوماتلارنىڭ «ياپونىيە تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەت يىغىنى ھارپىسىدا ئامېرىكىنى خاپا قىلىشنى خالىمايدۇ» دېگەن بايانلىرىمۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە يەنە 2-ئىيۇن كەچتە ياپونىيە يۇقىرى پالاتا رەھبەرلىرىدىن ئىبۇكېنىڭ رۇسىيە ئەمەلدارى سېرگېيگە كەچلىك زىياپەت بەرگەنلىكى، ئەمما بۇ زىياپەتنىڭ، ھۆكۈمەت نامىدىن بېرىلگەن زىياپەت دەپ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى شۇنداقلا زىياپەتكە سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى مورىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

رۇسىيە ئەمەلدارى سېرگېينىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەت ھەققىدە توختالغان بىر ياپون دىپلوماتى «ھۆكۈمەت سېرگېينى ئوچۇق-ئاشكارا كۈتۈۋېلىشقا ئامال قىلالمىغانلىقتىن، ئۇنى قارشى ئېلىش زىياپىتىنى ياپونىيە يۇقىرى پالاتا رەھبەرلىرىدىن ئىبۇكېگە ھاۋالە قىلدى» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان، زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ياپونىيەنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى شىمالىي ئارال مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىشكە كېلىشكەن ئىدى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن توققۇز يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن، پۇتىننىڭ بۇ يىل كۈزدە توكيودا زىيارەتتە بولماقچى بولغانلىقىنى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەبىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا «مەن ياپونىيەنىڭ جازاسىغا ھەيران بولدۇم. بۇ مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى» دېگەنلىكىمۇ ماقالىدە بايان قىلىنغان.

ياپونىيە «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى مۇلاھىزىسىدە «ئابې ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان مېھماندوستلۇقىنى سېرگېينى قارشى ئېلىش ئارقىلىق نامايان قىلدى. ئابې ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا پۇتىننى كۈتۈۋېلىش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويۇش نىيىتى يوق» دېيىلگەن.