سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار مىسىردىكىدەك بىر پاجىئەنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئاز دېگەندە 3 نەپەر ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىكىگە ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋال سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئۆتكەن يىلى مىسىردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىپ قېلىش ئېھتىمالى ھەققىدە ئەندىشىگە سالغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە خىتاي قولى بارلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر دەلىل يوقلۇقىنى، شۇنداقتىمۇ، مىسىرنىڭ پاجىئەسىنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىر ھەپتىدىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ پۇتلىرى كارىۋاتقا باغلانغان ھالەتتە دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان كۆرۈنۈشتە بىر رەسىملىك خەۋەر تارقالدى. خەۋەردە يارىدارنىڭ سەئۇدى ساقچىلىرى ئۇنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولغاندا ئۆزىنى زەخمىلەندۈرىۋالغانلىقى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەكېلىپ داۋالاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما بۇ يارىدارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

بۇلتۇر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قول تىقىشى سەۋەبلىك مىسىردا 1000 لارچە ئۇيغۇر سەرسانلىققا چۈشكەن ۋە بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىلگەن بولغاچقا، سەئۇدىدىكى بۇ ۋەقە مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋەھىمىگە سالغان. ئۇ يەردىكى بىر مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ئوسمان قارى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كېچىدە تۇرۇۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن؛ يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايرودرومدا غايىب بولۇپ كەتكەن.

10 نەچچە يىلدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ۋە ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىر ئوبۇلقاسىم ھاجىم، يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىغا دائىر ھازىرغىچە ئېنىق بىر دەلىل يوقلۇقىنى، ئەكسىچە شەخسىي ۋە پەرقلىق سەۋەبلەر بارلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىقىلارنىڭ ئىككى نەپىرى قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان؛ يەنى بىرى ئۆزىگە كېپىللىك بەرگۈچىنىڭ ساقچىلارغا شىكايەت قىلىشى؛ يەنە بىرى بولسا، رەسمىيىتى يېتەرسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر ساقچى ئوپېراتسىيەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى ئەپەندى، يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىتا ئۇچۇر ۋە پاكىتلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يېقىنقى مەزگىلدە ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى. مەمەت توختى ۋە ئوبۇلقاسىم ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا مىسىردا يۈز بەرگەن پاجىئەنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن سەزگۈر بولۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى تەكىتلىدى.