شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، بۇ ھەپتە تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا ئەڭ كۆپ بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان تېمىغا ئايلاندى.

0:00 / 0:00


تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ قايسىنى تاللىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تۈركىيىنىڭ پۈتۈن گېزىت، ژۇرنال ۋە رادىئو، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بەس - مۇنازىرە داۋام قىلماقتا.

جىھان خەبەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيىنىڭ يەرشارى ئىشلىرى ناملىق ژۇرنالنىڭ مۇدىرى فيورد لۇكيانوف بولسا تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، رۇسىيىنىڭ ۋە خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتتا ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل بىر تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە دۇنيا سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن لۇكيانۇف، رۇسىيە، تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بۇ تەشكىلاتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق تەسىرگە ئۇچرىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسى بەك مۇھىم. خىتاي تۈركىيىنى ئۇيغۇر رايونىغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي، تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كېچىش شەرتىنى قويۇشى مۇمكىن، تۈركىيە خىتاينىڭ بۇ شەرتىگە يېشىل چىراق ياقىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئەمما يەنىلا تۈركىيە ناتو )شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى( غا ئەزا بولغاندەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولالايدۇ. ئەمما شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىر ھەربىي تەشكىلات ئەمەس، - دېدى.

ئامېرىكا ئىتتىپاقدىشى تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى قىيىن

ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان تۈركىيىنىڭ ۋاشىنگتوندىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەرمۇ بار.

رۇسىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە رۇسىيە سىياسى تەتقىقاتلار ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سېرگې ماركۇف جىھان خەبەر ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بەزى ھەقىقەتلەرنى ئۇنۇتماسلىق كېرەكلىكىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان بىرمۇ دۆلەت يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى. ماركۇف باياناتىدا مۇنداق دېدى:

- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىنى قوللايدىغان بىر تەشكىلات ئەمەس ۋە ئامېرىكا بىلەن ماسلىشىدىغان بىر سىياسەت يۈرگۈزمەيدۇ، تۈركىيە بولسا ناتونىڭ ئەزاسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بىر دۆلەت. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ناتو ۋە ئامېرىكىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئەمما تۈركىيە بۇنىڭغا تەييار ئەمەس. خىتاي، تۈركىيىنىڭ ئەزا بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ، ئەزا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

پوچتا گېزىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئاخبارات ئەركىنلىكى يوقلۇقى، ئاخباراتچىلارنى قولغا ئېلىشتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى، پارىخورلۇق، ھەقسىزلىق ۋەقەلەر ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى يازغان ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنى تىلغا ئالغان.

تۈركىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن ج ھ پ رەئىسى كامال قىلىچدار ئوغلى باش مىنىستىر ئەردۇغاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:

- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا نېمە ئۈچۈن كىرىشنى خالايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى چەتكە قاقىمىز؟ بۇنى كىم بىلەن مەسلىھەتلەشىتىڭلار؟ ئۇنداقتا ناتو ) شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(نى قانداق قىلىمىز؟ ئۇ تەشكىلاتتىن چىقامسىلەر؟

يېڭى ئاقىت گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ئەخمەت تاشگېتىرەن ئەپەندى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېدى:

- ھەقىقەتەن باش مىنىستىر ئەردۇغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تاشلاپ قويۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قېتىلىشنى خالامدۇ؟ مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. بۇ پەقەت باش مىنىستىرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلمىغانلىقىغا ئاچچىقلىنىپ دېگەن سۆزى، مېنىڭچە، باش مىنىستىر بۇنىڭ بىلەن تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەھكۇم ئەمەسلىكىنىڭ سىگىنالىنى بېرىشنى ئويلىدى.

يازغۇچى ئوغۇز دۈزگۈن تەرىپىدىن روتاخەبەر تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، بۇ ھەقتە پكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

- باش مىنىستىر ئەردۇغان تىلغا ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچى دۆلەت بولغان خىتاي بىلەن بىر يولدا ماڭىدىغان بولساق، ئالدى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ ھەقىقىي ئادالەت چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خىتاينىڭ، تىبەت، تەيۋەن، شەرقىي تۈركسىتان دېگەنگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەن رايونلىرى بار. ئەگەر بىزنىڭ، «ئادالەت»، «ھۆرىيەت» چۈشەنچىمىز بۇ بىرلىككە چىقىلالمايدىكەن، بۇ بىرلىكتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تومۇرلىرىغا سىڭىپ كەتكەن ئىستىبدات ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئۆزىمىزگە كىرگۈزگەن بولىمىز. بۇ ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

يازغۇچى ئوغۇز ئەپەندى ماقالىدە يەنە مۇنداق يازغان:

- يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئەندىشە قىلىدىغان خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز. مىرزاھىد ئىسىملىك 12 ياشلىق بالىنىڭ قۇرئان كەرىم ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن شىددەتلىك ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىمنىڭ قانچىلىق دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ يەردە ئاياللارنىڭ ئىسلامى كىيىم كىيىشى چەكلەندى. ئەڭ ئاددى ھەققى بولغان ئىختىيارى كىيىم كىيىش ھوقۇقىمۇ قولىدىن ئېلىندى. ئۇ يەردە دىنىي تەلىم ئېلىش پۈتۈنلەي چەكلەندى، ئۆيدە ئوقۇغان دىنىي كىتابلارمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەتلەر جىنايەت ھېسابلاندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلەر مىڭ يىللىق ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىزلىرىنىمۇ يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تۈركلىرى دۈچ كېلىۋاتقان شۇنچە بېسىم ۋە زۇلۇملارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ تىلىنى، دىنىنى ۋە مىللىتىنى تاشلاپ قويمىدى. خىتاي، ئىسلام دۇنياسى، تۈرك دۇنياسى ۋە مەدەنىي دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېرىشىشنى خالايدىكەن، شەرقىي تۈركسىتان توغرىسىدا تېخىمۇ ئۇچۇق ۋە تېخىمۇ ئادىل بولۇشى كېرەك.

ت ر ت تۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قانداق بىر تەشكىلات دېگەن پروگراممىسىدا سۆز قىلغان پروفېسسۇر دوغۇ ئەرگىل مۇنداق دېدى:

- بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ، ھەممىسى دۆلەتنى مەركەزگە باغلاپ تۇرۇپ باشقۇرۇدۇ. دېموكراتىيە بىلەن كارى بولمايدۇ، ئەركىن سايلام بولمايدۇ، ئېلىپ بارغان سايلىمى دېموكراتىيە ئۆلچىمىگە ماسلاشمايدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بۇ دۆلەتلەردە ھوقۇق بىرىنچى ئورۇندا ئەمەس، قانۇن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قانۇن مەلۇم چوڭ ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بىر تۈزۈم. بۇلار كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قۇلاق بەرمىگەن ۋە كەينىدە قالغان بىر تۈزۈم بار، بۇ، ئەركىن بولمىغان دېموكراتىك سايلام دېيىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى خالىمايدۇ، بۇ خىل دۆلەتلەر بولغان بىر تەشكىلاتقا تۈركىيىنىڭ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس، كىرگەن تەقدىردىمۇ دېموكراتىيە دۆلەت بولغان تۈركىيە بۇ خىل مەسىلىلەرگە سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. بىز ناتوغا ئەزا بىر دۆلەت، مۇداپىئە ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سېستىمىسىنى قۇرغان بىر دۆلەت. مۇداپىئە ساھەمىز ناتونىڭ قوغدىشىدا ئىكەن، غەربكە قارشى، ناتوغا قارشى قۇرۇلغان بىر تەشكىلاتقا كىرىشنى تەلەپ قىلىش بىر تاكتىكا بولۇشى مۇمكىن.

قانال ئا تېلېۋىزىيە قانىلىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ياكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە پروگراممىدا سۆز قىلغان تۈرك تەتقىقاتچى مۇنداق دېدى:

- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا قارشى قۇرۇلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي كوسۇۋا مەسىلىسى، بوسنىيە مەسىلىسى، سۇرىيە مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە داۋاملىق تۈركىيىگە قارشى تۇرۇپ كەلدى. بۇلار بىلەن بىز ھېچقاچان ماسلىشالمايمىز. باش مىنىستىرنىڭ ئۇ سۆزلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياكى رۇسىيىگە بېرىلگەن بىر سىگنال بولۇشى مۇمكىن.