ياپونىيە ژۇرنىلى: «شى جىنپىڭ بىئارامچىلىقتىن سېنكاكۇ ئارىلىدا ماجىرا تېرىۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «شۇكان شىنچو» ناملىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا «شى جىنپىڭ بىئارامچىلىقتىن سېنكاكۇ ئارىلىدا ماجىرا تېرىۋاتىدۇ» ناملىق ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر سىياسىي ئانالىز ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالە ياپونىيە، كورېيە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 23-ئاۋغۇستتىن باشلاپ توكيودا ئېلىپ بارىدىغان ئۈچ دۆلەت سۆھبەت يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئۈچ دۆلەت ئۇچرىشىشىغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرۇۋەتتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس يامادا: «ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمى ياپونىيە بىلەن خىتاي سۆھبىتىدە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي تېما قىلىنىشى ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، خىتاي تەرەپ ھەمىشە بىزگە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىراق، خىتاينىڭ نىيىتى باشقىچە» دېدى.

ياپونىيە ن ھ ك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىسلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى، ئۇنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ياپونىيە سەپىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ن ھ ك نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ۋاڭ يىنىڭ ياپونىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ياپونىيە «شوكان شۇ چو» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 15-ئاۋغۇستقىچە 200 دىن 300 گىچە خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى ۋە 15 دېڭىز چارلىغۇچى قوغداش پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىغا 28 قېتىم قانۇنسىز كىرگەن. بەش كۈندە ئىچىدە 72 پاراخوت قانۇنسىز ھالدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلغان. بۇ خىل ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 30 قېتىم خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كېمىسازلىق ئىشلىرىدا چوڭ تىپتىكى پاراخوت ئىشلەپچىقىرىش قېتىم سانىنى ئاشۇرغان بولۇپ، خىتايدا 2012-يىلىغىچە چوڭ تىپتىكى پاراخوتلاردىن جەمئىي 40 ئى بولغان بولسا 2015-يىلىغا كەلگەندە بۇ پاراخوتلارنىڭ سانىنى 120 گە يەتكەن.

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ كېمىسازلىق سانائىتىگە باھا بېرىپ:«خىتاي شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەن» دېگەن

ماقالىدە:«ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 3-ئاۋغۇست ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنى قايتىدىن تەشكىللەپ خىتايغا قارشى بىر قىسىم ئەربابلارنى ۋەزىپىگە قويغانلىقى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭغا قارشى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا» دېيىلگەن.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم شىنزو ئابېنىڭ تومومى ئىنادا خانىمنى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىشى خىتاي تەرەپنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، تومومى ئىنادا خانىم ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىپ خىتاينىڭ چىشىغا تەككەن ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان خەلقئارا مەسىلىلەر مۇلاھىزىچىسى فۇمىيا شىنوخارا «گوللاندىيە خەلقئارا سوت مەھكىمىسى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىنى خىتايغا تەۋە ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكى ئۈچۈن دەرھال سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ماجىرا تېرىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ باھا بەرگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە سىكۇبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ھومارى ئىندو سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ:«يېقىندا لائوستا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىغىنىدا شىى جىنپىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاساستا ئۇلارنى گوللاندىيە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى ھۆكۈمىگە قارشى چىقىشقا ۋە ئۇلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە شۇندىن كېيىنلا سېنكاكۇ ئارىلى ماجىراسىنى تىرىشقا باشلىدى» دېگەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارا مەسىلىلەر مۇلاھىزىچىسى فۇمىيا شىنوخارا، ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئۇ،سۆزىدە:«جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدە خىتايدىكى دېموكراتچىلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆكتەملىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش يۈز بېرىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن شى جىنپىڭ خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن سېنكاكۇ ئارىلى ماجىراسىنى تىرىۋاتىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ياپونىيە سىكۇبا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ھومارى ئىندو خىتايدا سۆز ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىپ:«خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بىر پارتىيەلىك تۈزۈمدە پۇقرالارنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىشىمۇ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە شۇنداقلا 11-ئاۋغۇست ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان خىتاي كېمىچىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ۋە خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «ئاساھى شىمبۇن»، «يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتلىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى توكيودا چاقىرىلغان ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدا ياپونىيە تەرەپ كۆپرەك سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشنى نىشان قىلىدىكەن.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا ۋە ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۆپ پايدىلىق ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.