سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى قارمىقىدىكى تۈركىستان بۆلۈمى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى باشتىن كەچۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى قارمىقىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1982-يىلى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان بولۇپ، 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشقان ھالدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
يېقىندا تۈركىستان بۆلۈمى جىددە رادىئوسى ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغان بىنادىن ئاڭلىتىش باشلىدى، كونا ئۈسكۈنىلەر بىلەن خوشلىشىپ، زامانغا لايىق يېڭى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئىش باشلىدى، تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ تور بېتى يېڭىلىنىپ ئايفون ۋە ئايپەتلەردە چىقىدىغان بولدى.
سىراجىددىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم دىكتورلىرىدىن بىرى بولغان ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تۈركىستان بۆلۈمى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى. قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تۆۋەندە سىراجىددىن ئەزىزى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
سىراجىددىن ئەزىزى تۈركىستان بۆلۈمىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە تۈركىستان بۆلۈمى باشتىن كەچۈرگەن يېڭىلىقلار ۋە تەرەققىياتلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە يىلدىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە ئاڭلىغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئايلىق ئىلمىي مۇسابىقە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر ئايدا مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ئىككى كىشىگە 500رىيالدىن جەمئىي 1000رىيال مۇكاپات پۇلى ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. ئىلمىي مۇسابىقە سوئاللىرى ھەر ئاينىڭ بېشىدا تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار جاۋابلىرىنىwww.sjrtmusabiqe@gmail.com
تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ تور ئادرېسى www.sjrt.org <http://www.sjrt.org> دۇر. تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشىنى قىسقا دولقۇن 31 مېتىر 9885 كىلۇگرېتىستا ئاڭلاشقا بولىدۇ.