سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشى ھەر تەرەپتىن ھازىرقى زامانغا مۇناسىپ شەكىلدە سېلىنغان يېڭى رادىئو بىناسىدىن تارقىلىشقا باشلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1982-يىلى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە مۇندىن 47 يىل ئىلگىرى سېلىنغان جىددە رادىئوسى بىناسىدا خىزمەت بېرىپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زامانغا ماس ھالدا خىزمەت بېرىش توغرىسىدىكى پەرمانى بىلەن، جىددە رادىئوسى ئۈچۈن مەخسۇس بىنا سېلىنغان بولۇپ، بىنا رادىئو ساھەسىدە ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ يۈكسەك تەرەققىياتىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ بارلىق ئۈسكۈنىلىرى، ئاۋاز ئېلىش ۋە تارقىتىش جاھازلىرى ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ يېڭى جىھازلاردىن بولغان. بىنانىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن جەمئىي40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن، بىنا يەر ئاستى قەۋەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا 3 قەۋەتلىك بولۇپ، ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ مەخسۇس ئىشخانىلىرى ۋە يىغىن زاللىرىدىن تاشقىرى 19 ئاۋاز ئېلىش ستۇدىيۇسى، 21 كونترول ئىشخانىسى ئورۇن ئالغان.
ئۇيغۇر دىكتورلار يېڭى جىھازدا مەشىق قىلماقتا
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ دىكتورلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىددە رادىئوسىدا 47 يىلدىن بىرى ئىشلىتىپ كېلىنگەن كونا جىھازلار ۋە كونا ئۇسۇللار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى جىھازلار ۋە يېڭىچە ئۇسۇللار يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رادىئودىكى دىكتورلار ۋە ئاۋاز ئېلىشقا مەسئۇل خادىملار بۇ يېڭى جىھازلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىش ۋە قانداق قىلغاندا تەلەپكە لايىق پايدىلىنىش ھەققىدە ئومۇمىي مەشىق ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشى 2013-يىلى 9-فېۋرال كۈنىدىن ئېتىبارەن يېڭى بىنادا قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى.
تۈركىستان بۆلۈمى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمى 1982 يىلى 3 ئاينىڭ 8 كۈنىدىن ئېتىبارەن تۇنجى قېتىم كۈنىگە بىر سائەتتىن ئاڭلىتىش باشلىغان بولۇپ، 1999-يىلىغا كەلگەندە، رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئاڭلىتىش ۋاقتى كۈنىگە بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكە چىقىرىلغان. 2007-يىلى دېكابىرنىڭ 13-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئاڭلىتىشى 3 سائەتكە چىقىرىلدى، ئۇيغۇرچە ۋە ئۆزبېكچە ئىككى تىلدىكى ئاڭلىتىش ۋاقتى ئايرىلىپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9 دىن 10 يېرىمغىچە ئۇيغۇر تىلىدا، ئۆزبېكىستان ۋاقتى كەچ سائەت 9يېرىمدىن 11 گىچە ئۆزبېك تىلىدا بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر تۈركىستان بۆلۈمىدە 10 ئۇيغۇر،7 ئۆزبېك، جەمئىي 17 دىكتور ئىشلىمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەقىدە مەنبىئى ۋە قىبلىگاھى بولغان مۇقەددەس ئىككى ھەرەم زېمىندىن تارقىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان خەلقلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان مۇھىم ئاڭلىتىش ھېسابلىنىدۇ. يەنە ئايلىق ئىلمىي مۇسابىقە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر ئايدا مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ئىككى كىشىگە 500رىيالدىن جەمئىي 1000رىيال مۇكاپات پۇلى ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشى 2010-يىلى 1-فېۋرالدىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورىغا قويۇلغان بولۇپ، تور ئادرېسى:
[ www.sjrt.org <http://www.sjrt.org> Opens in new window ]
تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىشىنى قىسقا دولقۇن 31 مېتىر 9885 كىلۇگرېتىستا ئاڭلاشقا بولىدۇ.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.