سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەر ياخشى بىلسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىدا، خۇسۇسەن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەسكەن.

بۇنىڭ بۇنداق بولۇشى يەنىلا شۇ ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئانا ۋەتىنىنى تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن ئىكەن.

10-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى ئورنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدە بولغان «قۇرئان كەرىم مەخسۇس رادىئوسى» نىڭ «ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدىكى مەخسۇس پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ، نەق مەيدان سۆھبەتتە بولدى. ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى سۆھبەت جەريانىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ۋەتىنى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە نىسبەتەن باشقىچە قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ نۆۋەتتىكى رادىئو سۆھبىتى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت

ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى مۇنداق دېدى:«10-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدە بولدۇق. بۇ پروگرامما ھەر كۈنى ئەتىگەن كىشىلەر ئىشقا بارىدىغان ۋاقىتتا بېرىلىدىغان ياخشى بىر پروگرامما ئىكەن. ھەر كۈنى بىرەر دۆلەتنى ياكى بىرەر يېڭىلىقنى تونۇشتۇرىدىكەن. بۇنىڭدا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان بولدۇم. بۇنىڭدا بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدۇم. بۇ رادىئو پروگراممىسى بولغىنى بىلەن ئەتىگەن ھەممە ئادەم ئىشقا مېڭىش جەريانىدا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، بىر مىليوندىن ئارتۇق تىڭشىغۇچىسى بار بىر پروگرامما ئىكەن. كۆپ ئادەم نەق مەيدان ئاڭلىتىشىدىن ئاڭلاپتۇ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ماڭا كۆپ كىشىلەردىن تەبرىك خەتلىرى كەلدى. دېمەك، بۇ پروگرامما ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت رادىئوسىدا ئەرەبلەرگە تونۇشتۇرغان بولدۇق.»

ۋەتىنىمىزنى تونۇشتۇرۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز

ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى يەنە مۇنداق دېدى:«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدە كىشىلەرگە كەڭ تونۇشتۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەيمىز. بىزدىكى يېتەرسىزلىكلەردىن بىرى، ئۆزىمىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تونۇشتۇرالماسلىق بولۇپ كەلدى. مۇندىن كېيىن بۇ ئىشمۇ ئەمەلگە ئاشقۇسى.»