تۈركىيەدە «مەيدان گېزىتى» ماقالىسىگە رەددىيە بېرىلدى

0:00 / 0:00

4-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيەدىكى «مەيدان گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ساختا تۈرك پاسپورتى بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدا بىر-ئىككى كېچە تۇرغاندىن كېيىن شام ئىراق ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىكى جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە ھازىرغىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر بۆلگىسىگە تۈركىيەدىن 50 مىڭ ساختا تۈرك پاسپورتى ئەۋەتىلگەنلىكى، 50 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ شام ئىراق ئىسلام تېررور دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىكى جەڭ مەيدانىغا كەتكەنلىكى، بۇنى تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەگە يولغا سېلىۋاتقان گۇرۇھلارنىڭ مەركىزى ئىشخانىسىنىڭ ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ خەۋەر «زامانتوداي» گېزىتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىككى گېزىت تۈرك ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەن جامائىتىنىڭ گېزىتلىرى ئىكەن.

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن «ساباھ گېزىتى»، ئىنگلىزچە «ساباھتوداي» ۋە «ئاخشام» قاتارلىق گېزىتلەر بىلەن «ئا خابەر»، «ئۈلكە ت ۋ» ۋە دۆلەت تېلېۋىزيەسى بولغان «ت ر ت قاتارلىق قاناللار خەۋەر تارقىتىپ، مەزكۇر خەۋەرنىڭ يامان نىيەت بىلەن يېزىلغان يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

خەۋەردە بۇ يالغان خەۋەر ئېلان قىلىنغان گېزىتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەزلۇم ئۇيغۇرلارنى قارىلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ گېزىت ۋە تېلېۋىزىيەلەردە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى قىلىچ قانات ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلدى.

ئۇفۇق ئۇلۇتاش ئەپەندىنىڭ «ئاخشام» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «فەتھۇللاھ گۈلەن مەتبۇئاتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يالغانلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركمەنلەر پۈتۈن ئۈمىدىنى تۈركىيەگە باغلىغان قېرىنداش خەلقلەر. ئۇلار بېشىغا كۈن چۈشسە تۈركىيەگە تەلمۈرىدۇ. باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلىنىڭ ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇر بىلەن قۇچاقلاپ كۆرۈشكەن كۆرۈنۈشى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سەمىمىي سۆيگۈسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھازىرغىچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرغا گرازھدانلىق بەردى، بۇ ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولدى. ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەگە قېچىپ كېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ، تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز ئەسات ۋە دەئاشنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشىماقتا.»

ئۇفۇق ئۇلۇتاش ئەپەندى «ئاخشام» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈرك ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان فەتھۇللاھ گۈلەن گۇرۇھىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىنى قارىلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىش سىياسىتىگە ماسلىشىۋاتقانلىقىنى يازغان. ئۇ، ماقالىسىدە بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا پايدىلىق، تۈرك دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنداق خەۋەر ئېلان قىلغان بۇ گېزىتنىڭ يا خىتاينىڭ جاسۇسى ياكى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى يازغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ تۈركىيەدىكى بەزى تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىگە بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا باغلاش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى، چۈنكى 50 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ساختا تۈرك پاسپورتى بىلەن خىتايدىن چىقىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، زامان گېزىتىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.