شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلماقتا

0:00 / 0:00


ھازىر دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەرگە قارىغاندا، ئانالىزچىلار ئافغانىستاننىڭ كېلەچەك تەقدىرى ئەتراپىدا جىددىي بەس - مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. بۇ بەس - مۇنازىرىلەر ئا ق ش ۋە ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى 2014 - يىلى بۇ مەملىكەتتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەلدە ھەم ئۇنىڭغا چېگرىداش بولغان مەملىكەتلەردە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە قانداق ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ ھەم بۇ ۋەزىيەت خەلقئارادا قانداق ئەكس ئېتىلىدۇ، دېگەن سوئالغا كېلىپ تاقالماقتا. ئافغانىستان ۋەزىيىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئوخشاش چوڭ تەشكىلاتلارنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.

يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە «ئافغانىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيا 2014 - يىلى. رايونلۇق بىخەتەرلىكنى تەمىنلەشتىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ رولى» تېمىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. تاجىكىستاننىڭ «ئوزوداگون» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا قازاقىستاننىڭ ياۋروئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئانالىزچىسى دانىيار قوسنازاروف مەركىزىي ئاسىيا بويىچە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە قاراپ مەجبۇرىيەتلەر ئېلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ ئافغانىستاندىن بىرلەشكەن ھەربىي كۈچلەرنىڭ چىقىپ كېتىشى ھەم ئۇ يەردە ئۆتىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تالىپلار ۋە ئافغانىستاندىكى باشقىمۇ كۈچلەر ئارىسىدا زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ، نەتىجىدە ھەربىي قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەمدى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا ئىشلار بويىچە كومىتېتىنىڭ رەھبىرى قانىبېك ئىمانالىيېفنىڭ «قىرغىزىستان خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبىتىگە قارىغاندا، ئافغانىستاندىن ئەسكەرلەرنىڭ ئېلىپ كېتىلىشى بىلەن قىرغىزىستان ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتىرىشى ھەم ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى مۇستەھكەملىشى لازىمدۇر. ئامما ھازىر بۇ تەشكىلات ئەزالىرى ئارىسىدا سۇ مەسىلىسى ئەتراپىدا قارىمۇ - قارشىلىقلار مەۋجۇت بولماقتا. «ھەربىي ماتېرىيالار» ناملىق تور بېتىدا ئېلان قىلىنغان «يۇرىي پوگىبا: ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشىگە تەييارلىنىش لازىم» دېگەن ماقالىدە، قىرغىزىسىتان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى پولكوۋنىكى يۇرىي پوگىبا مەملىكەتنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچلىرىنىڭ بىر ئومۇمىي مەركىزىنى قۇرۇشنىڭ ۋاقتى يەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى بويىچە ئىشلارنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى ھاجەتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇمكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئۆزىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق مەجلىسلىرىدە ئافغانىستان مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر ئومۇمىي ھەرىكەت قىلىش پىلانىنى ھازىرغىچە تېخى قۇرۇپ چىقالمىدى. قازاقىستانلىق ئانالىزچى كونستانتىن سىرويېژكىننىڭ پىكرىچە، ئافغانىستاندىن ئەسكەرلەرنىڭ تولۇق چىقىرىلمايدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە ئا ق ش ھەربىي بازىلىرى يەنە بەلگىسىز مۇددەتكە قالماقچى. ئۇ شۇنداقلا ئا ق ش ۋە ناتو ئەسكەرلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بۇ مەملىكەتتە بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارتىنى قوبۇل قىلغان ك. سىرويېژكىن بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.