شاڭخەي گۇرۇھىدىكى باش مىنىستىرلار ئاستاناغا جەم بولدى

0:00 / 0:00


شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ،يەنى رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان باش مىنىستىرلىرى15 - دېكابىر كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا جەم بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر قاتار مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇ يىغىنغا يەنە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر باش مىنىستىرلار يىغىنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان زىددىيەتلىرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.

بۇ قېتىملىق باش قوشۇشنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2015 - يىللىق خامچوتى بېكىتىلدى. بولۇپمۇ، ئەڭ مۇھىمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات بانكىسى بىلەن تەرەققىياتى فوندى تەشكىلاتى قۇرۇشقا ئائىت ئىىشلارنى باشلاش پۈتۈشۈلدى.

رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە،بۇنىڭدىن باشقا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا خىزمەتلىرى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلار، ۋە تاموژنا خىزمەتلىرىنىڭ ئامانلىق ساھەسىگە ئائىت ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدىكى ھۆججەتكە ئىمزا قويۇلغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى يىغىنىدا يەنە ئۇزارا سودا ئالاقىلىرىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي پۇل بىرلىكىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا»گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف ئۇزارا سودىدا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پىكرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودىسىدا ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلەتمەسلىكتىن ئىبارەت ئىدى.

ئۇزارا سودىدا ئامېرىكا دوللىرى ئىشلىتىشتىن رۇبلى ۋە خەلق پۇلىغا ئۆتۈش مەسىلىسى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا شۇنىڭدەك خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭنىڭ بۇ يىل 10 - ئايدىكى موسكۋا زىيارىتى جەريانىدا يەنە مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. ئەمما، مۇتەخەسسىسلەر، رۇسىيە - خىتاي سودىلىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشنىڭ سىياسىي خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە پۇل قىممىتى مۇقىم بولمىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆچۈشى قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتور كاندىداتى ۋە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى پەرھات بىلگىنمۇ شۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پەرھات بىلگىننىڭ قارىشىچە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مىللىي پۇللىرىنىڭ قىممىتى مۇقىمسىز بولۇپ، بۇ پۇللارنى سودىدا ھېساۋاتقا ئىشلىتىش تېخىمۇ قىيىن.

ئەمما، قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا ئەڭ زور بولۇپ، خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرى جەھەتتە رۇسىيەدىن قالسىلا قازاقىستان تۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت سودا مىقدارى 30 مىليارد دوللارغا يېتىپ قالغان. شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت سودا - ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يېڭىدىن 14 مىليارد دوللار قىممىتىدە ھەر خىل كېلىشىملەر ئىمزالانغان.

قازاقىستاننىڭ سودا - ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن خىتايۋە رۇسىيەگەتايىنىشى كۈچلۈك بولۇپ، مەسىموف قازاقىستان مىللىي پۇلىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ۋە رۇسىيە پۇللىرىنى نەزەرگە ئالغان بولسا كېرەك.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى باش مىنىستىرلىرى يىغىنى رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت زىددىيەتلىرى ئۆتكۈرلەشكەن پەيىتكە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيەنىڭ ئەزالىقىدىكى ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى رەسمىي ئىش باشايلايدۇ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىتتىپاق بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قىرغىزىستان ۋە ئەرمىنىيە قىزىقماقتا. مەزكۇر يېڭى ئىتتىپاق خىتاينى خوشال قىلامدۇ ياكى ئەنسىرىتەمدۇ؟ بۇ بىر مۇھىم ئانالىز نۇقتىسى بولماقتا.