شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 13 - نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 13 - نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى 13 - سىنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى «ئالا ئارچا» دۆلەت مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

سائەت 12دىن 10 مىنوت ئۆتكەندە قىرغىزىستان پرىزېدىنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

- ھۆرمەتلىك ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى، ۋەكىللەر، مېھمانلار، مەن ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 13 - نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكالايمەن. ئاتامبايىف بۇ قېتىمقى يىغىندىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىشى ھەققىدە ھەمدە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قول قويۇشىغا تەييارلانغان كېلىشىمنامىلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىق تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2017 - يىلغىچە بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بانكىسى ۋە فوندىنى قۇرۇش، ئىقتىسادى ھەمكارلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرى، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئارال كۆلىنىڭ ئىكولوگىيەسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرقاتارلىقلار ھەققىدە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىنى شەرھىلىدى. يىغىندا يەنە، تېررورلۇققا،مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ۋە زەھەرلىك چىكىملىك سودىسىغا قارشى تۇرۇش، ئۇيۇشقان جىنايى گۇرۇھلارغا قارشى كوللىكتىپ خەۋپسىزلىك سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئافغانىستان ۋەزىيىتى، نۆۋەتتىكى سۈرىيەنىڭ خىمىيەۋىي قوراللار مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا «بىشكەك خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.

بىز بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە قىرغىزىستاندىكى پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.