شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى. بىراق مەزكۇر ئورگاننىڭ ھەربىي مانېۋىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «قازىگۇرت-2013» ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرى پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي قازاقىستاننىڭ چىمكەنت ئەتراپىدىكى ئاقتاش ھەربىي مەشىق مەيدانىدا باشلاندى.
مانېۋىرغا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق 3 دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسمى قاتناشقان، بىراق رۇسىيە، خىتاي، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر مانېۋىرغا كۆزەتكۈچىلىك قىلغان.
بۇ دۆلەتلەرنىڭ مانېۋىرغا نېمە ئۈچۈن ئەسكەر قاتناشتۇرمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانېۋىردا ئاھالىلەر توپلاشقان يەرلەردىكى ئاتالمىش تېررورلۇق گۇرۇھلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، تېررورلۇق ۋە گۆرۈگە تۇتۇۋېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىدۇ.
خىتاي ئاخباراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، رايون مۇقىملىقىنى ساقلاش بۇ ئورگاننىڭ نېگىزلىك فۇنكسىيىسى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىگە ئايلانغان.»
بىراق، مەزكۇر ئورگاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى.
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن مۈجمەل تەبىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەمكارلاشقان.
ئامېرىكا شەرىق-غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ياڭ لىيۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتۇر.
بىراق ئۇ، تېررورلۇققا قارشى قاراتمىلىققا ئىگە بۇ خىل ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بۇ پۈتۈنلەي خاتا، مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر شەكىل جەھەتتىكى ئاپتونومىيىنى ئەمەس، ھەقىقىي ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەھمىيەت بېرىشىدە 3 خىل سەۋەب بارلىقىنى كۆرسىتىپ: بىرىنچى، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئامېرىكىغا قارشى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى كۆزلەيدۇ. چۈنكى ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىپ كەلدى. بۇ جۇڭگو ئۈچۈن زور تەھدىت. شۇڭا ئۇ رۇسىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆزىگە تارتىۋاتىدۇ. ئىككىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسى كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئەللەر. بۇ دۆلەتلەر خەلقئارا ئۆلچەمگە رىئايە قىلمايدۇ. جۇڭگو بۇ ئورگاننى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىگە بويسۇندۇرالايدىغان، گېپىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان پائالىيەت سورۇنى، دەپ قارايدۇ. ئۈچىنچى، جۇڭگو ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا پائالىيەت بوشلۇقى بەرمەسلىكنى ئويلايدۇ، دەپ ئەسكەرتتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇنجى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرى 2002-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېركەشتام ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 2-قېتىملىق مانېۋىر 2003-يىلى 8-ئايدا قازاقىستاننىڭ ئۈچ ئارال ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. چىمكەنت ئاقتاشتىكى مانېۋىر مەزكۇر ئورگاننىڭ 13-قېتىملىق مانېۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى باشلانغان 13-قېتىملىق مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى، 2012-يىلى سېنتەبىردە ماقۇللىغان قارارغا ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۆتكەن يىللىق ھەربىي مانېۋىرى تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «تىنچلىق ئەلچىسى-2012» ناملىق مانېۋىرغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەسكەر قاتناشتۇرغان ئىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ يىللىق خام چوتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي ئۈستىگە ئالغان.
پروفېسسور ياڭ لىيۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى چۈشىنىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرىدە زور پەرق بار.
ئۇ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرىدە تىنچ سىياسىىي، دىنىي پائالىيەت بىلەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ چەك-چېگرىسى يوقلۇقى، ئۇنىڭ تېررورلۇق تەبىرى ئىنتايىن مۈجمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياڭ لىيۈ مۇنداق دەيدۇ: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت نىزامىغا كىرگۈزدى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ تېررورلۇق توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئىنتايىن مۈجمەل. ئۇنىڭ تېررورلۇق چۈشەنچىسى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ھەرىكىتى تېررورلۇق، قانداق ھەرىكىتى بۆلگۈنچىلىك، قانداق ھەرىكىتى دىنىي ئەسەبىيلىك بولىدىغانلىقىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىش باشقا مەسىلە، مۇستەقىللىقنى ئالغا سۈرۈش باشقا مەسىلە. مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىش پىكىر ئەركىنلىكىگە مەنسۇپ نەرسە. بىراق جۇڭگونىڭ تېررورلۇق چۈشەنچىسىدە زوراۋانلىق قىلىش بىلەن پىكىر جەھەتتىن مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. مانا بۇ، جۇڭگو ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇق چۈشەنچىسىدىكى تۈپ پەرق.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرى 2007-يىلدىن بۇرۇن قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى. بىراق، ئەزا دۆلەتلەر 2007-يىلى ئاۋغۇست قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا قارار ماقۇللاپ، تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرىنى ھەر يىلى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشنى مۇقىملاشتۇرغان.
ياڭ لىيۈ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مانېۋىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا كۈچ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن. بىراق ياڭ لىيۈ ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ زوراۋانلىق ۋە باستۇرۇش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ لىيۈ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ باستۇرۇپ مەسىلە ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ئۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ۋە تەلەپلىرىگە قارشى ئاساسەن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بىراق كومپارتىيە ئاز سانلىق مىللەتلەرگىلا شۇنداق قىلمايدۇ. بەزىدە خەنزۇلارنى ئوخشاشلا باستۇرىدۇ، دېدى.
ياڭ لىيۈ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە زوراۋانلىققا تايىنىپ ھەل بولغان ئەمەس. ئامېرىكا ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئون نەچچە يىل تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلە ھەل بولغىلى يوق. رۇسىيە چېچەن ئىسيانچىلىرىنى قاتتىق باستۇرغان بولسىمۇ، بىراق چېچېنىيە مەسىلىسى ھەل بولمىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، ھەيۋە قىلىش، ئۇلارنى باستۇرۇش بىلەن ھەل بولمايدۇ. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھازىرقى سىياسىتى پۈتۈنلەي خاتا. ئۇنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى جۇڭگودىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە پەقەت قەغەز يۈزىدە قالدى. پارتكومنىڭ 1-قول سېكرېتارى خەنزۇ بولسا، ئۇيغۇرغا ھېچنېمە قالمىدى، دېگەن گەپ. كومپارتىيە ئۇيغۇرلارنى جۇڭگودا تۇتۇپ تۇرىمەن دېسە ئەقىللىق سىياسەت يۈرگۈزۈشى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوغدىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.