ئەردۇغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا، رۇسىيىدىن، تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردۇغان رۇسىيە دۆلەت رەئىسى پۇتىن بىلەن پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-رۇسىيە 4-قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىكلەر ئىستراتېگىيىلىك كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ جەريانىدا ئىككى تەرەپ سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-تىجارەت مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

كېيىن باش مىنىستىر ئەردۇغان، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى پۇتىن بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردۇغان، 2012-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى تىجارەتنىڭ 35 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقانلىقى، ئەمما 2013-يىلى بۇ رەقەمنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسىنى 2020-يىلى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانلاندى. ئوخشىمىغان ساھەلەردە بېسىلىدىغان قەدەملەر ئۈچۈن بۇ نىشانغا يېتىشتە ئالدىمىزدا ھېچ قانداق توسالغۇ يوق»، دېدى.

مەدەنىيەت ساھەلەردە پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەردۇغان، «ئەنقەردە رۇسىيەگە ئائىت بىر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى، موسكۋادا يۈنۈس ئەمرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ھازىر بىزنىڭ كۈنتەرتىپىمىزدە» دېدى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى سۈرىيە مەسىلىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇش، تىجارەت ھەجمىنى ئاشۇرۇش، 2020-يىلىغا بارغاندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مىقدارىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش، ئورتاق ماشىنا ياساش، مەدەنىيەت جەھەتتە ھەر ئىككى دۆلەتتە مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇلار يەنە 2020-يىلى دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىدا رۇسىيەنىڭ ئېكاتېرىنبۇرگ شەھىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىنىڭ نامزاتلىق رىقابىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە بۇ نۇقتىلاردا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ساھەلەردە كېلىشىم تۈزۈپ ئىمزالاشقان.

ئەدۇغان مۇخبىرلارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «مەن دەيمەنكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تۈركىيەنى قوبۇل قىلىڭلار، بىزنى بۇ مەسىلىلەردىن قۇتۇلدۇرۇڭلار، بىز بۇنىڭ بىلەن ياۋرو-ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئالاقىدار ئەركىن سودا-تىجارەت كېلىشىمىگە قوشۇلىمىز، ئەمما مېنىڭ دېگىنىمگە ئوخشاش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەقەسىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھۆرمەتلىك رەئىس (پۇتىن) غا چۈشەندۈرگەن ئىدىم، بىز بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىمىز»، دېدى. ئەمما بۇ ھەقتە رۇسىيە دۆلەت رەئىسى پۇتىن ھېچ قانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە تۈركىيەنىڭ يۈزدە 56% تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى رۇسىيىدىن ئېلىۋاتقانلىقى، رۇسىيە بىلەن بۇ يىل 36 مىليارد دوللار مىقداردا تىجارەت بولۇۋاتقانلىقى، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ مىقدارنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، 28-29-نويابىر كۈنلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى تاشكەنتتە ئېچىلىدىكەن، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ شەرقى بىلەن رۇسىيەنىڭ پېتىربۇرگ پورتىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى قۇرۇقلۇق يولىغا ئالاقىدار كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش پىلانلانغان، ئەمما خىتاي مەركىزى خەلق رادىئوسىنىڭ تۈركچە بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئورتاق قارشى تۇرۇش، بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىش توغرىسىدا بىر تۈركۈم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي ۋە قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ 31-ئۆكتەبىردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى كومىتېتىغا تىيەنئەنمېن ۋەقەسى توغرىسىدا دوكلات سۇنغان ۋە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىشىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا 50 يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا نامزات بولۇپ تۇرۇۋاتقان تۈركىيە قانداق بولۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدۇ؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مۇمكىن بولامدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىگە دىققەت بېرەيلى.

باش مىنىستىر ئەردۇغاننىڭ بۇ چاقىرىقلىرىدىن كېيىن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

«ھۆررىيەت» گېزىتىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە-خىتاي تىركىشىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىدە، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. ماقالىدە يەنە رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتە خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەش مەقسىتىدە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىقتىسادىي ساھەدە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەشكىلاتى، بىخەتەرلىك ساھەسىدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى قۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ماقالىدە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چەمبىرىكىدە تۇرۇپ ئامېرىكىنى ئاسىيادىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئوخشاش مەقسىتىنىڭ بارلىقى، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان ۋە ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ ئەزاسى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق نامزاتى بولغان تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ماقالىدە يەنە تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولالمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەقسىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چەمبىرىكى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرىنى كۈچلەندۈرۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت باغلىنىشلىقى بولغان تۈركىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بىر پاستىنى ئۈچكە بۆلگەنلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ پاستىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدىغانلىقى ئېنىق.

ماقالىدە يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۆزەتچكۈچى ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقانلىقى، ئاساسلىق ئەزاسى بولغان رۇسىيە، خىتاي، ئۆزبېكىستان ۋە كۆزەتكۈچى ئەزا ئىران تىزىملىكنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقى، غەرب ئەللىرى تەرەپتىن ياۋروپانىڭ دىكتاتورىلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ياۋروپا دۆلىتى دەپ باھا بېرىلگەن بېلارۇسىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتى بىلەن ئەزا بولىدىغانلىقىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەقسەتلىرى توغرىسىدىكى شۈبھىلەرنى ئاشۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

«رادىكال» گېزىتىدە، «ئەردۇغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى قىيىنچىلىقىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چارە بولامدۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە تۈركىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرى، باش مىنىستىر ئەردۇغان ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان يېڭىدىن نىشانغا ئالدى. بۇ، غەربنىڭ دېموكراتىيە قىممەت قارىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى يېڭىلىغان تۇرۇپ، پۇتىندىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن زىت كېلىدۇ. ئەردۇغاننىڭ سۈرىيە ۋە مىسىر سىياسىتىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ھېس قىلىشى ۋە ئۇ يەردە ئېلان قىلىنغان تەرەققىيات دوكلاتىدا، گېزى باغچە ۋەقەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىدىكى مەسىلىلەردە تەنقىدكە ئۇچرىشى، ئەنقەرەنىڭ مۇزاكىرە ئارقىلىق ياخشىلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن قوغدىيالمايدۇ. ئەردۇغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئايرىم ئىككى دۇنياغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا تۈركىيەنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايدىغان ياۋروپاغا قارشى كوزىر قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما 50 يىلدىن بۇيان ساقلىتىپ كېلىۋاتقان ياۋروپادىن تويۇپ، بۇنىڭ چارىسىنى ياۋروپانىڭ دېموكراتىيە قىممەت قارىشىدىن ئۇزاق بولغان دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىزدەش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ قورال ياساش شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ بومبا قالقان سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشتەك كوزىرى ئارقىلىق رىقابەتنى قىزىتىشقا ئوخشىمايدۇ.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىق تەلىپىنى رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ھەر زامان بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كەلدى، بۇنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار، بۇنىڭ بىرى بولسا: تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ئەزاسى بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق نامزاتلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى. خىتاي مانا شۇ سەۋەبتىن تۈركىيەنىڭ ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرىدۇ.