تاشكەنتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەجلىسى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.12.03
shangxey-hemkarliq-12-mejlis.jpg ئۆزبېكىستاننىڭ «ئۆزبەك-رېپورت» ئاخبارات ئاگېنتلىقى تورىدىن ئېلىنغان، مۇشۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەت. 2013-يىلى نويابىر.
news.uzreport.uz/

يېقىندا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ 12-مەجلىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستان، خىتاي، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ باش مىنىستىرلىرى، تەشكىلات يېنىدىكى كۆزەتكۈچى مەملىكەتلەردىن ئافغانىستان، ھىندىستان، ئىران، موڭغۇلىيە، پاكىستان ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئۆزبېكىستاننىڭ «ئۆزبەك-رېپورت» ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە مالىيە ئاساسىنى قۇرۇشقا كېلىشكەن بولۇپ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كونكرېت لايىھىلەرنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورتاق بانكا قۇرماقچى ئىكەن.

رۇسىيە باش مىنىستىرى د. مېدۋېدېف مەجلىستە سۆزگە چىقىپ، تەشكىلات ئەزالىرىنى سۈرىيەدىكى ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ خەۋپى، ئىران يادرو پروگراممىسى مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەتلەر ۋە ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىق قاتارلىق بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا چاقىردى. ئامما باشقىلار مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن تاشقىرى يەنە ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا ئوخشاش مەسىلىنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ يۆنىلىشتە قۇرۇق سۆزدىن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە كۆچۈشنىڭ ۋاقتى يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇچرىشىشتا ھەر قايسى مەملىكەت ۋەكىلى ئۆز تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇنىڭ ئەتراپىدا مۇزاكىرە يۈرگۈزۈشكە تىرىشقان. مەسىلەن، رۇسىيە ۋەكىلى تېز ئارىدا تەشكىلاتنىڭ ئېنېرگىيە كۇلۇبىنى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلسا، قازاقىستان باش مىنىستىرى س. ئاخمېتوف رۇسىيەنى قوللاپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئومۇمىي ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىك پروگراممىسىنى، خىتاي ۋەكىلى بولسا، تەشكىلات دائىرىسىدە ئەركىن سودا مەيدانىنى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى بۇ قېتىمدا دۇنيا ۋە رايونلۇق خاراكتېرگە ئىگە ھەم تەشكىلات دائىرىسىدىكى سودا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق بويىچە مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە مۇنداق كېلىشىمگە كەلدى: دۇنياۋى مالىيە-ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تېخى ئاياغلاشمىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئىقتىسادىي مۇقىملىق ۋە مالىيەۋىي تۇراقلىقنى تەمىنلەش، سانائەت ساھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ياخشىلاش بويىچە كونكرېت چارىلەرنى كۆرۈش؛ سودا، ئىقتىساد، مالىيە، بانكا، مەبلەغ سېلىش، ئىلمىي-تېخنىكا، ترانسپورت، ئالاقە، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ تاشقى ئىقتىساد ۋە تاشقى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش. بۇ جەھەتتە ئىقتىساد، ماشىنا ياساش، يېنىك ۋە ئوزۇق-تۈلۈك سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە بىرلەشكەن كارخانىلارنى قۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشىنى جانلاندۇرۇش؛ تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تەمىنلەش مەقسىتىدە مالىيە-بانكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرۇش؛ ترانسپورت ساھەسىدە ھەمكارلىقنى ۋە خەلقئارا ترانسپورت يوللىرىنى راۋاجلاندۇرۇش.

ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۆز-ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە خەلقئارا ھاۋا، تاشيول ۋە تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئاتقۇرىدىغان رولىغا چوڭ ئەھمىيەت بەردى؛ باش مىنىستىرلار شۇنداقلا تاموژنا خىزمىتىنىڭ پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالاپ، بۇ ساھەدىمۇ ھەمكارلىشىشنىڭ يوليورۇقلىرىنى بەلگىلىدى؛ بۇنىڭدىن تاشقىرى يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاكتىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىرىغا ئەمەلىي چارىلەرنى ئىشلەپ چىقىش تاپشۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى شۇنداقلا تەبىئىي ئاپەت، ھالاكەت ۋە باشقىمۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارغا قارشى تۇرۇشتا، سالامەتلىكنى ساقلاش، مۇھىتنى قوغداش، ساياھەت، تەنھەرىكەت، مەدەنىيەت، بىلىم، ئىلىم، تېخنىكا ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز-ئارا كېلىشىمگە كەلدى.

مەجلىس ئاخىرىدا تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە ھۆججىتى ئىمزالاندى. ئۇلارنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا بۇ قېتىمقى مەجلىسنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشى ئەمدى 2014-يىلى قازاقىستاندا ئۆتمەكچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.