13-يانۋار كۈنى مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ 21-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. سايلامغا تەشكىلات رەھبەرلىرى، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر جامائىتى ۋە د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن باشچىلىقىدا 1990-يىلى ميۇنخېندا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئەينى زامانلاردىكى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» ھەمدە بۈگۈنكى د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇشىدا ساھىپخانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ تەشكىلات ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈش قائىدىسىگە بىنائەن بۇ قېتىم 21-نۆۋەتلىك سايلىمىنى ئېلىپ بارغان.
سايلامدىن ئىلگىرى تەشكىلاتنىڭ كونا رەھبەرلىك ھەيئىتى سەھنىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئۆتكەن 2 يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا دوكلاتلار تەقدىم قىلدى. خىزمەت دوكلاتىدىن كېيىن مالىيە دوكلاتى تەقدىم قىلىندى.
سايلامغا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشلىق 3 كىشىلىك بىر ھەيئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. سايلام دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئاساسەن بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىدا تەشكىلات رەئىسىنى سايلاپ چىقتى. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
رەئىسلىك سايلىمىدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ 2 نەپەر مۇئاۋىن رەئىسى، كاتىپى، مالىيە مۇدىرى ۋە ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ سابىق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. سايلامدىن كۆپچىلىك قانائەتلەنگەنلىكىنى ئىپادە قىلىشتى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن سايلامدىن كېيىن يېپىلىش نۇتقى سۆزلەپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى ۋە بۇ تەربىيىنى ھەر بىر ئائىلىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.