ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم تۈركىيە سۆھبەتلىرى نامدا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 1 - ئايلىق يىغىنىدا «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا، شەرقىي تۈركسىتان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆپ ساندا ئىلمىي تەتقىقات ۋە كىتاب يازغان شەرقىي تۈركسىتان تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى سۆز قىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قانتاشتى.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى يىغىندا، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى جەريانى، شەرقىي تۈركسىتاندا قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر، خىتاينىڭ 1949 - يىلدىكى ئىشغالىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى:
- خىتاينىڭ غەربكە چىقىش نۇقتىسى جەھەتتە تۈركىيىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك بىر يەر ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيۋاتىمىز. شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى، شەرقىي تۈركسىتان داۋاسى دەيمىز ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى، تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركسىتان سىياسىتى يوق، ئەگەر تۈركىيە شەرقىي تۈركسىتان سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقسا، ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ تەرەپلىمە پايدىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تارىخى يىپەك يولىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تىز سۈرئەتلىك پويىز يولى بىلەن يېڭىدىن جانلاندۇرۇش پىلانى كۈنتەرتىپكە كەلدى، خىتاي بۇ پىلان ئۈچۈن 280 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. بۇنىڭدىن تۈركىيىگە 28 مىليارد دوللار بەردى. ئەگەر تۈركىيە بۇنىڭدىن 80 مىليارد دوللار تەلەپ قىلسا ئىدى، خىتاي قوبۇل قىلىپ بۇنى بەرگەن بولاتتى. چۈنكى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، خىتاي يا دېڭىز يولىنى، ياكى قورۇقلۇق يولىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، خىتاي ياۋروپاغا ئۆتۈشى ئۈچۈن مەيلى قورۇقلۇق، مەيلى دېڭىز يولىنى تاللىسۇن، كافكاز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىن ياكى شىمالىدىن ئۆتۈپ ماڭىدىغان بىرلا يول تۈركىيىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي ئۈچۈن بەك ئەھمىيەتلىك.

ئىككىنچىسى: ئىرقى جەھەتتە بىز ئۇلار بىلەن بىر مىللەت، چۈنكى بىزنىڭ تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز ئۇ يەرگە تۇتىشىدۇ.
ئۈچۈنچىسى: دىنىي ئېتىقاد بويىچە قارايدىغان بولساق، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ مۇسۇلمان، ئەگەر پۈتۈن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىر قېرىنداش دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولساق، ئۇ يەردە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇرنى قانىغان بولسا، بۇنىڭدا بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بار دېمەكتۇر. مال سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىش كېرەك،«خىتايدا ئىشلەنگەن» دەپ يېزىلغان مالنى سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، خىتاينىڭ مېلىنى سېتىۋالغاندا ئۇ يەردىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىغا ئېتىلغان ئوقنىڭ پۇلىنى بەرگەن بولىسىز. ئوق دېگەن ھامان ئەقلىمگە شۇ كېلىدۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوقنىڭ پۇلىنى ئائىلىسىدىن ئالىدۇ، بىز شۇنداق بىر ئېچىنىشلىق جۇغراپىيە توغرىسىدا سۆز قىلىۋاتىمىز.
دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، 20 بىلەن 50 يىل ئارىسىدا شەرقىي تۈركسىتاندا مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
- مەن غەرب ئەللىرىدىن ۋە ب د ت دىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغىرىسدا ھېچنەرسە ئۈمىد قىلمايمەن، ئەمما ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە جاۋابكار دەپ قارايمەن، چۈنكى خىتاينىڭ تاشقى تىجارىتىنىڭ 300 مىليارد دوللارغا يېقىن قىسمى ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ كەلگۈسىگە قارىتا، تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىن ئۈمىد كۈتىمەن، ئەمما بىزنىڭ ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى كۆزىتىش ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، جامائەت پىكىر پەيدا قىلىشىمىز، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك بولىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكرى پەيدا قىلالىساق، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم بىر ھايات كەچۈرۈشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن 20 يىل بىلەن 50 يىل ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يالغۇز شەرقىي تۈركسىتان ئەمەس، بەلكى خىتاي بىر قانچە دۆلەتكە بۆلۈنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇنىڭ ئىشارەتلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
دوكتور ئۆمەر قۇل، تۈركىيە نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
- چۈنكى، ئۇ يەردە ياشاۋاتقانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان، بىز پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ جىددىي قارىغان بولساق، ئوخشاشلا شەرقىي تۈركسىتانغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە جىددىي قارىشىمىز كېرەك. پەلەستىن مەسىلىسىگە دىنىي جەھەتتىن قاراپ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولساق، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىمۇ مۇسۇلمان، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشاش دىنىي جەھەتتىن قاراپ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. باشقا بىر ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىك بولسا، شەرقىي تۈركسىتاندا ياشايدىغان خەلق بىز بىلەن ئىرقداش. مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن قارايدىغان بولساقمۇ ئۇ يەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر بولىمىز، مەسىلىگە مەيلى مىللىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساقمۇ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر بولىمىز.
دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
- بىز ھازىر ئادالەتسىز بىر دۇنيادا، ماددى مەنپەئەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، ئىنسانلارنىڭ قىبلىسى پۇل - مال بولغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، باشقىلار مەسىلىلەرگە مەنپەئەت بويىچە قارىسا مەيلى، ئەمما بىزنىڭ مەنپەئەتتىن سىرت قاراش كېرەك بولغان مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىز بار، بىزنىڭ قىزىل سىزىقلىرىمىز بار، بىرىنچىسى: ئەگەر مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن قارايدىغان بولساق، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمان بولمىسۇن، ئىنسانلارغا بىر ھەقسىزلىق قىلىنۋاتقان بولسا، بىزنىڭ ئەقىدىمىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.