«شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» مۇھەررىرى: ژۇرنال چىقىرىشمۇ بىر دەۋا

0:00 / 0:00

قايتا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنىڭ يېڭى سانى ھەققىدە توختالغان ژۇرنال مۇھەررىرى ژۇرنال چىقىرىشنىڭمۇ بىر دەۋا ئىكەنلىكى، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2 - 3 - سانلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان ژۇرنالنىڭ 2 - سانى «شەرقىي تۈركىستاندا نېمەلەر بولماقتا»تېمىسىدا نەشىر قىلىندى.

باش تەھرىرلىكىنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى قىلىۋاتقان ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا دوكتور ئالى يىلماز ئەپەندىنىڭ «دىنىمىز ئىسلام» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ «ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تەھلىل» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن «خىتاينىڭ سۈرىيە سىياسىتى ۋە سەۋەبلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ «ئاتالمىش ئۇلۇسالچىلارنىڭ قىرىم ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن «ئىلخام توختىغا ئەركىنلىك» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ھەم 2 - 4 - ئايلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ماقالىلار كىرگۈزۈلگەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى»ناملىق ژۇرنالنىڭ بۇ سانىغا يەنە ئابدۇجېلىل تۇران يازغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق ماقالە بىلەن شائىرە نۈرەلا گۆكتۈرك خانىم يازغان «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ژۇرنالنىڭ 3 - سانى بارىن ۋەقەسىنىڭ 24 - يىللىقىغا ئاتاپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلارنىڭ بارىن ۋەقەسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.

بىز ژۇرنال توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ژورنالنىڭ باش تەھرىرى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېلىل تۇران ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى ئۆمەر قۇل ئەپەندى ژۇرنالنى قايتا چىقىرىشقا باشلاشتىكى مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى»ژۇرنىلى بۇرۇن 71 سان نەشىر قىلىنغان ئىدى. ئەمما كېيىنكى 4 يىلدىن بېرى نەشىر قىلىنمايۋاتاتتى. بىز يېڭىدىن چىقىرايلى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى تارىخقا خاتىرىلەپ قويايلى دېگەن مەقسەت بىلەن قايتا نەشىر قىلدۇرۇپ دۆلەتنىڭ ئىدارە - جەمىيەتلىرىگە، ھەرقايسى كۈتۈپخانىلارغا ۋە تەتقىقات ئىدارىلىرىغا ئەۋەتىشكە باشلىدۇق. 3 ئايدا بىر سان چىقىرىشقا باشلىغان ئىدۇق، بۈگۈن 2 - 3 - سانلىرىنى بىر دودىلا چىقاردۇق. كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىۋاتىمىز.

«شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى ئۆمەر قۇل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ بولىۋاتقان ۋەقەلەرنى تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن ژۇرنالنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى شۇڭا ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ جۇرنالغا ماقالە يېزىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى:

ژۇرنال چىقىرىشقا بىر داۋا دەپ قاراش كېرەك. قولىدا قەلەم بار ھەممە كىشىنىڭ ماقالە يېزىشى كېرەك. بىز مەسىلىگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دەپ قارايمىز. ئەگەر بىر ماقالە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا پايدىلىق بولسا بىز ئۇ ماقالىنى چوقۇم ئېلان قىلىمىز. ئەگەر ماقالا ئەۋەتىشنى خالىغان كىشىلەر http://www.dtv.com.tr tor بېتىگە كىرسە ئۇ يەردە ئې - مائىل ئادرىسىمىز بار، ئۇنىڭغا ماقالە ئەۋەتسە بولىدۇ.

ئابدۇجلىپ تۇران ئەپەندى ژۇرنالنى چىقىرىش جەريانى ۋە مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشچە «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنال شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن تەرىپىدىن 1984 - يىلىدىن تارتىپ نەشىر قىلىنىشقا باشلانغان بولۇپ، 2010 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە بىر مەزگىل توختاپ قالدى. 2014 - يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قايتا نەشىر قىلىنىشقا باشلاندى.