2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» دا مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.05.21
germaniye-uyghur-sherqiy-turkistan-istratigiye-muhakime-yighini-2017.jpg «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» دىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Ekrem


19-ماي باشلانغان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى. گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا 19-ماي باشلانغان 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئائىت مۇھىم مەزمۇنلار مۇزاكىرە تېمىسى بولدى.

20-ماي چۈشتىن بۇرۇن، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغان پۈتۈن ھىيلە-نەيرەڭلىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىن ئورۇن ئېلىشى، خەلقئارادا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرلىرى، يۈكسىلىۋاتقان خىتاي ۋە دۇنياغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىچكى-تاشقى ۋەقەلەر، خىتاينىڭ خەلقئارا تۈزۈم ۋە سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى، رۇسىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، تۈركىيە ھەم قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئۇيغۇرلار قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر، كېلەچەك ئۈچۈن ئىزدەشكە تېگىشلىك يوللار قاتارلىقلار ھەققىدە ئۇزۇن-بەس مۇنازىرىلەر بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلى دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇرەسسەلىشىشى، ئۇيغۇر سىياسەتچىلەرنىڭ كەسپىيلىشىشى، مالىيە ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيە مەسىلىسى قاتارلىقلار ئاساسلىق سۆز تېمىسىغا ئايلاندى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيەدىن كېلىپ قاتناشقان ئالىمجان بوغدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يىغىننىڭ دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە كۆپ ئىلمىي ئىزدىنىشلەردە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكىدىن كەلگەن روشەن ئابباس خانىممۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى تېمىلار توغرىسىدا توختالدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
«شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» دىن بىر كۆرۈنۈش
20-مايدىكى يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتە رۇسىيە، ياپونىيە، ھىندىستاندا قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن تالاش-تارتىشلار بولۇندى.

بۈگۈن بۇ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن دوست ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە بۇ دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇش مۇمكىنلىكىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا ئىستراتېگىيە بەلگىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى سەۋەبلىك خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قۇربان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى مۇلاھىزە قىلىندى.

گوللاندىيەدىن كەلگەن ئابدۇراخمان ھاجى ئەپەندىمۇ، بۇ يىغىندىن كۆپ نەپ ئالغانلىقىنى، يىغىن مەزمۇنلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كانادادىن كەلگەن رۇقىيە تۇردۇش خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىننىڭ بۈگۈنكى پروگراممىسىدا، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ھالاك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. بۇ تېما كۆپ مۇلاھىزە قىلىندى.

يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق مەسىلىلەر نەزەرگە ئېلىندى. ئۇيغۇرلار ئۆز ھاكىمىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كېرەككە كېلىدىغان چارە-تەدبىرلەر ھەققىدە كۆپلەپ تەكلىپ پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.