19-ماي بېرلىندا باشلانغان 2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» 21-ماي نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.
گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا 3 كۈن داۋام قىلغان 2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» 21-ماي كۈنى يىغىن ئاخباراتىنى ئېلان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.
يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىپ تۈرمىلەرگە بەند قىلىش ۋە پاسپورتلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىش مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئىسلامى ئىسىملارنى چەكلەش مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈش ۋە قارارلار قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە سىياسەتلىرى» دېگەن ئاساسىي تېما ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىپ، مۇھىم بولغان ئىستراتېگىيىلىك كۈرەش خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، تەۋسىيە قارارلىرى قوبۇل قىلىش بىلەن تۈگەللەندى.
بىر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى يىغىن‘غا قاتناشقان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يىغىننىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە سىياسەتلىرى» دېگەن تېمىغا ئائىت كۆپلىگەن مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن؛ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ 3 باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ 1-باسقۇچىدىكى بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ھەققىدىكى يېڭى تولۇقلىما مەزمۇنلار ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىجراسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. خىتاي ئېلان قىلىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملەر ۋە يەرلىك نىزاملاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى، ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتىدا غۇلغۇلا قوزغايدىغان تېمىغا ئايلاندۇرۇش ۋە بۇنىڭ يوللىرى» دېگەندەك.
ياپونىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىمۇ يىغىن ئەسناسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىنغا يۇقىرى باھا بەردى.
21-مايدىكى يىغىندا يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە بۇنىڭ يوللىرى. ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلان قىلىنغان سىياسەتلەرنىڭ ئىجراسىنى تىزلىتىش. مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلارنى تىزگىنلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان، ئىشقا سالىدىغان مەركىزى قۇرۇلمىنى بەرپا قىلىش ۋە تەشكىلاتلار ئىدېئولوگىيىسىنى تۇرغۇزۇش دېگەندەك مەزمۇنلاردىمۇ مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتتى.
كانادادىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇيغۇن ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا بولغان مەمنۇنىيىتىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر يىغىننىڭ ئاخىرىدا يەنە، پىلانلىق تەشۋىقات مۇئەسسەسىلىرى قۇرۇپ چىقىش ۋە كەسپىيلەشتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش، مالىيە كاپالىتىنى تۇرغۇزۇش، مىللىي كىملىكنى قوغداشنىڭ كونكرېت يوللىرى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى جىددىي مەسىلىلەردە ھەر تۈرلۈك يول خەرىتىلىرى سىزىلدى.
بۇ 3 كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى يىغىننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
22-ماي كۈنى 2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى»غا كەلگەن بىر قىسىم ۋەكىللەر گېرمانىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىدە گېرمانىيەنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردى.