21 - ئاۋغۇست جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىزمىت شەھىرىدە باشلانغان «7 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» دا ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئاساسلىق نىشانى قىلىشى ۋە تەشكىلاتلار - ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
بۇ سۆزلەرنى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا مۇھىم ئورۇن ئالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت - پىلانى ۋە ئىستراتېگىيەسى مەسىلىسىنىڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا يەنە دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئومۇمىي نەزەر» دېگەن تېمىدا توختالدى ۋە «خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قاراتقان پوزىتسىيەسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
بۇ يىغىنغا، «خەلقئارالاشقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ئىستراتېگىيەسى» دەپ نام بېرىلگەن.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى، ژۇرنالىستلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر ياشلاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، «ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن تەتقىقاتچى دوكتور ئابدۇللاھ ئالىم «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ئىستراتېگىيىسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ۋە دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.