شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلەشتى

0:00 / 0:00

5 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ دۈزجە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا داۋاملاشتى.

بۇ قېىتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى، ئىسلامى، سىياسىي ۋە تەشكىلىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇھىم دوكلاتلار بېرىلگەندىن باشقا، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچەكى، ئۇيغۇرلاردىكى كىملىك كرىزىسى، ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا دوكلات بەردى. بىز 15 ئەتراپىدا دۆلەتتىن بۇ ئۇچرىشىشقا كەلگەن كىشىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزىتىپ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق.

بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 18 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان 110 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، مىكرافونىمىزنى ئۇزاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپى يىغىننىڭ چەتئەلدە ئۇيغۇر داۋاسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

تۆۋەندە ئۇلار بىلەن يىغىن زالىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.