6 - نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىدا» دا ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
يىغىن ھەر يىلى بىر قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يىغىنىنىڭ بۇ نۆۋەتلىكى2 - ئاۋغۇستتىن 8 - ئاۋغۇستقىچە ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىكەن.
«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان بۇ يىغىنغا «شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى» دەپ نام بېرىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار، دوكتور - پروفېسسورلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دىنىي، مىللىي، تىل - يېزىق، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك ئۇچۇرۇشۇش ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىل - يېزىقى، مائارىپى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقان ئامىللارنى يوقىتىش ھەمدە بۇ ساھەدىكى تەھدىتلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىزدىنىش ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلەرنى قاتمۇقات كۈچەيتكەن ھەمدە بۇ يىللىق رامزاندا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كوللېكتىپ ئوچۇق سوتلىرىنى ئېچىپ، يۈزلىگەن ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان ۋە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوقىلىپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم چاقىرىلىدىغان «6 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرى تېمىسىدا بولىدۇ.
مەزكۇر ئۇچرىشىش يىغىنىغا ساھىبخانا بولغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 2014 - يىلى 16 - ئىيۇل چارشەنبە كۈن كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىندا ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىقىغا ئالاقىدار خىزمەت تەقسىماتى ئېلىپ بېرىلدى.
0:00 / 0:00