ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ نېمىنى پۈتۈشتى؟

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-23-كۈنلىرى موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە باش مىنىستىر مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەربىي قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە پىكىر بىرلىكلىرى ھەم كېلىشىملەر ھاسىل قىلىندى. رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.

پۇتىن ۋە شى موسكۋا-بېيجىڭ ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى چەتئەل سەپىرىنىڭ تۇنجى قەدەملىرى موسكۋادىن باشلىنىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئاياق ئىزلىرى قالغان كرېمىل سارىيىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ-موسكۋا ھەمكارلىقىغا يېڭى مەزمۇنلار ۋە يېڭى ۋەدىلەر قوشۇلدى.

22-مارت كۈنى كرېمىل سارىيىدا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ رەسمىي كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن «رۇسىيە گېزىتى» نىڭ نەق مەيدان خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بىز سىزنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسى، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە سىزنىڭ تۇنجى چەتئەل سەپىرىنى بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدىن باشلاشنى قارار قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىگە زور ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتكەنكى يىللاردا بىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تىكلەش ئۈچۈن بىز ھەر قايسى ساھەلەردە كۆپ ئىشلارنى قىلدۇق. رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دۇنيا سىياسىتىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئامىل».

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئۆزئارا ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك شېرىك ئىكەنلىكى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

سىياسىي مۇناسىۋەت

ئىككى رەھبەرنىڭ كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئىمزالىغان بولۇپ، بىرلەشمە باياناتنىڭ كىرىش قىسمىدىلا «رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھازىر ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان دەرىجىدىكى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىپ، چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ماسلىشىش ۋە بىرگە تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

بىرلەشمە باياناتتا ئىككى تەرەپنىڭ سودا-ئىقتىساد، خەلقئارا سىياسەت، ئېنېرگىيە، ھەربىي، مەدەنىيەت-مائارىپ، ساياھەت ۋە باشقا كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش تەكىتلەنگەن.

بىرلەشمە باياناتتا يەنە خۇددى رۇسىيە-خىتاي رەھبەرلىرى بۇرۇندىن تارتىپ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك ئىككى دۆلەتنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، رادىكالىزم ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتچىلىككە ئورتاق زەربە بېرىشىمۇ قايتا تەكىتلەنگەن.

ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ بۇ قېتىم يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، سودا-ئىقتىساد، ھەربىي، ئاممىۋى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك «رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش تېزىسى 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە» ناملىق سىياسىي ھۆججەت ئىمزالىدى.

سودا-ئىقتىساد ساھەسى

شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشتا بىرلىك ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، بىرلەشمە باياناتتىمۇ بۇ نۇقتا تەكىتلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودىسىنى 2015-يىلى، 100 مىليارد دوللارغا، 2020-يىلى، 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش كۆرسىتىلگەن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە سودا-ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش ھەمدە رۇسىيە-خىتاي مەبلەغ فوندلىرىنى ئاكتىپ ئىشلىتىپ، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېلىشكەنلىكى بىلدۈرگەن.ئۇ يەنە يېقىنقى ۋاقىتلاردا سودا سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا ۋە كەلگۈسىدە 150 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ھەققىدە بىرلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىدىن كۆزلىگەن ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئېنېرگىيە ساھەسى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي تەرەپ رۇسىيە نېفىتلىرىنى خىتايغا ئەۋەتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ھېسابلىنىدىغان «روسنېفىت» شىركىتى خىتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا رازى بولغان. خىتاي تەرەپ ئىككى مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، بىر قىسىم پۇلنى ئالدىن تۆلەش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ نېفىت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىر رۇسىيە-خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق ھەر يىلى 15مىليون توننا نېفىت توشۇلۇۋاتقان بولۇپ، «روسنېفىت» بۇ يىل 800 مىڭ توننا كۆپەيتىشنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 5مىڭ توننىدىن كۆپەيتىپ، كەلگۈسىدە يىللىق توشۇش مىقدارىنى 30 مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەبىئىي گازى ساھەسى بويىچە رۇسىيىنىڭ «گازپروم» شىركىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدا شەرقىي لىنىيە بويىچە، يەنى ئىركۇتسكىي قاتارلىق جايلاردىن خىتايغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ، مەزكۇر لىنىيە بويىچە 2018-يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى 28 مىليارد كۇبمېتىر توشۇش، كەلگۈسىدە 60 مىلياردقا يەتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنغان.

«گازپروم» نىڭ باشلىقى مىللېر بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا رەسمىي ئۇزۇن مەزگىللىك توختامنامە تۈزىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىراق، مەلۇم بولۇشىچە، گاز باھاسىدا يەنىلا بىرلىك يوق ئىكەن.

رۇسىيە تەرەپ بىلەن خىتاي ئارىسىدا غەربىي لىنىيە، يەنى رۇسىيىنىڭ ئالتاي رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي تەۋەسى ئارقىلىق ئىچكىرى خىتايغا تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش سۆھبىتى 10 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا باھادا كېلىشىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم مەزكۇر غەربىي لىنىيە توختىتىپ قويۇلغان.