خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 24-25-مارت دەنھاگدا چاقىرىلغان يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىدىن كېيىن گېرمانىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق ئەللەرگە قارىتا زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدىكى تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىش چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 25-مارتتىكى «گېرمانىيە، فىرانسىيە خەلقى شى جىنپىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى لازىم دەپ قارىماقتا» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، فىرانسىيەدىكى داڭلىق تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئى ف ئو پ ئورگىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتىدىن ئىلگىرى گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. 10-مارتتىن 14-مارتقىچە داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت خەلقئارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان.
راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەتتىن راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ 90% تىن ئارتۇقى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. 88% گېرمان ۋە 89% فىرانسۇز تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. راي سىناش نەتىجىسىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، 87% گېرمان ۋە 80% فىرانسۇز ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، يەنە 83% گېرمان ۋە 78% فىرانسۇز گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل بىلەن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاندې بۇ قېتىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلىشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئى ف ئو پ تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ ياۋروپا خەلقى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس. ئاران 31% گېرمان ۋە 37% فىرانسۇز خىتاي رەئىسىگە مۆتىدىل پوزىتسىيىدە بولغان. ئەكسىچە، 88% گېرمان ۋە 89% فىرانسۇز دالاي لامانى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. راي سىناش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «2015-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدا جۇڭگودىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلغۇچى شەخسمۇ؟ شى جىنپىڭ تىبەتلەرنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ فىرانسىيە، گېرمانىيە كارخانىچىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېڭى ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ خىتاينىڭ فىرانسىيە، گېرمانىيەگە سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە مەنپەئەتى بارمۇ؟» دېگەندەك سوئاللار ئاساسىي تېمىلار سۈپىتىدە راي سىناشقا قويۇلغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي رەئىسىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىجابىي تەرەپكە ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە سورالغان سوئالغا بېرىلگەن جاۋابمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خۇلاسە ئىتىبارى بىلەن 100% كىشى شى جىنپىڭدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 35 بەتلىك بۇ راي سىناش دوكلاتى گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىغا يوللانغان.
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 26-مارتتىكى «شى جىنپىڭنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى ئۇرۇشى؛ خىتايدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلات» ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس 25-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «گېرمانىيەگە زىيارەت قەدىمىنى بېسىۋاتقان خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاپەت خاراكتېرلىك زىيانكەشلىكلەرگە دۇچار بولدى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان خەلقلەر ھەققىدە بىر دوكلات ھازىرلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «يېڭى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىگە ئىسلاھات ئەمەس، بەلكى ۋەھىمە، تەھدىت، خالىغانچە تۇتۇپ سولاش، تەن جازاسى بېرىش، ئادالەتسىز سوتلاش، ئۇزۇن مۇددەتلىك نازارەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق دەھشەتلەرنى ئېلىپ كەلدى» دېگەن. ئەنىۋەرجان ئەپەندى ئۇلرىك دېليۇسنىڭ دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇلرىك دېليۇس 25-مارتتىكى سۆزىدە، 2013-يىلى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، خالىغانچە تۇتۇپ سولاش، خالىغانچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش قىلمىشلىرى، تۇرمىدىلا ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەھشىيىتى، ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ پاكىتلىق ماتېرىياللار ھازىرلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ تەشەببۇسى ئىزچىل ھالدا «گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دېگەندىن ئىبارەت بولغان.