بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى
2013.09.10

قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 13-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشچىلىرى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىلىدىكەن.
بۇ يىل 6-ئاي ۋە 7-ئايلاردا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىككى قېتىم قىرغىزىستاندا يىغىلىپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئىلىپ بارغان ئىدى.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇئاۋىن مىنىستىر ئادىلبېكۇف بۇ قېتىمقى يىغىندا قارىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئېنېرگىيە، سۇ بايلىقى خەۋپسىزلىكى، چېگرا ماجىرالىرى بىلەن بىر قاتاردا تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش كېلىشىمنامىلەرگە قول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ساھەسىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق نېفىت ھەم تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولغان دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى 70 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان «ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي نېفىت، تەبىئىي گاز لىنىيىسى»نىڭ خەۋپسىزلىكى كەلگۈسى يىللار داۋامىدا خىتاي ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.
2010-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۆلىمى 2011-يىلى 40 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولسا، 2012-يىلى 55 مىليارد دوللارغا يەتكەن. نەتىجىدە 66 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالە ياشايدىغان بۇ رايون خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە خام ئەشيا بازىسىغا ئايلىنىپ قالغان.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق تىنچلىقنى ساقلىغۇچى كۈچلەرنىڭ كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ بۇ دۆلەتتە مەيدانغا كېلىدىغان سىياسىي داۋالغۇشلارنىڭ تىز سۈرئەتتە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە،بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە يېيىلىشى رۇسىيە بىلەن خىتاينى ھەممىدىن بەك ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. رۇسىيە ئافغانىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىكلەر سودىسىنىڭ ئەۋج ئىلىپ كېتىشىدىن خەۋپسىرىسە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان جېدەل-ماجىرالارنىڭ «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى»نىڭ ئۇيغۇر ئىلى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە قايتىدىن جانلىنىپ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتاينىڭ بارلىق چارە-ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلەيدىغان بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويۇشقا كۆندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىران، موڭغۇلىيە، ئافغانىستان دۆلەت باشچىلىرى شۇنداقلا ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرلىرى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىكەن.