خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-سېنتەبىردىن 8-سېنتەبىر كۈنىگىچە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى. خىتاي بىلەن قازاقىستان 5 مىليارد دوللار قىممىتىدە نېفىت كېلىشىمى ئىمزالىغان. كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر گەرچە شى بۇ قېتىم تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىپ بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان زىيارىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تەھلىل قىلماقتا. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
قازاقىستان خىتاينىڭ خام ئەشيا بازىسى
قازاقىستاننىڭ «تېڭرى» خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شى جىنپىڭ ئاستانادىكى نازاربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ھالدا يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەم سۆزىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ، سۆزىدە قازاق كلاسسىك شائىرى ئاباي قۇنانباينىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغان ھەم قازاق خەلقىنى ۋە قازاقىستان-خىتاي دوستلۇقىنى مەدھىيىلەيدىغان جۈملىلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن. قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىي ۋە باشقا تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.
ھەقىقەتەن، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىمزالىغان سودا-ئىقتىسادىي كېلىشىملىرىنىڭ قىممىتى 30 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت يېقىن كەلگۈسىدە سودا مىقدارىنى 40 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە پۈتۈشكەن.
قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شەرىپجان نادىروف «قازاقىستان سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا تايانماي مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشى تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن سودا قىلىدۇ. خىتاي بىلەن چېگرىداش قازاقىستاننىڭ خىتايغا تايىنىشى تەبىئىي، ئۇنىڭ خام ئەشيالىرىنى سېتىشى كېرەك، ئۇنى خىتايغا سېتىشقا مەجبۇر. قازاقىستان ھازىر خىتاينىڭ خام ئەشيا بازىسىغا ئايلانغان. قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن خۇددى خىتايغا ئوخشاش كەڭ دائىرىدە سودا قىلىش مۇمكىن ئەمەس، رۇسىيەنىڭ ئۆزى خىتاي بىلەن سودا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھەممە نەرسىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ ھال ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى بىلەن سودا قىلىشىنى بەلگىلىگەن.
خىتاينىڭ مەقسىتى ئېنېرگىيە
قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شەرىپجان نادىروفنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى. قازاقىستانمۇ ئۆز نېفىتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشى لازىم. ئۇنى كۆپلىگەن يوللار بىلەن چەتكە چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە، خىتاي بىر يولدۇر. قازاقىستان ئۈچۈن ئۆز نېفىتلىرىنى سىرتقا سېتىشتا ئەڭ ئەرزان چىقىم قىلىدىغان يول خىتاي بولۇپ، رۇسىيە ۋە كاۋكازىيە ئارقىلىق سىرتقا چىقارسا كۆپرەك چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى جەريانىدا قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ 5 مىليارد دوللارلىق نېفىت كېلىشىمىنى خىتاي دۆلەتلىك تەبىئىي گاز ۋە نېفىت شىركەتلەر گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك قازاقمۇنايگاز شىركىتى ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاي قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىتلىكى كاشاگاننىڭ 8.3% ئاكسىيىسىنى سېتىۋالغان. خىتاي يەنە قازاقىستانغا كاشاگاننىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى نېفىتلىكلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۈچ مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە قوشۇلغان.
نادىروفنىڭ قارىشىچە، كاشاگان نېفىتلىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىتلىك بولۇپ، ئەلۋەتتە قازاقىستان مەزكۇر نېفىتلىكنىڭ ھەممە ئاكسىيىسىنى پەقەت خىتايغىلا ساتقان ئەمەس. كاشاگان نېفىتلىكىنى ئېچىشقا ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرمۇ قاتناشقان. بۇ يەردە «ئېنى»، «رويال دۇچ شەلل»، «ئېخسون موبىل»، «توتال» قاتارلىق چەتئەل شىركەتلىرى مەۋجۇت.
نادىروف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان ئۆز نېفىتلىرى يەنە رۇسىيەگىمۇ چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە، نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونى ئارقىلىق خىتايغا چىقىرىدىغان نېفىت مىقدارى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۈتۈن قازاقىستان نېفىتلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى، مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنى رۇسىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە چىقىرىلىدۇ.
رايوندىكى مۇھىم دۆلەت قازاقىستان
شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان سەپىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنى سۈپىتىدە 8-سېنتەبىر كۈنى ئۇ نازاربايېف بىلەن بىرگە ئالماتاغا سەپەر قىلغان. ئىككى رەھبەر خىتاي ئايروپىلانىدا ئولتۇرۇپ، ئالماتاغا ئۇچقان ھەم ئەتىگەنلىك تاماقنى ئايروپىلاندا بىرگە يېگەن. ئۇلار ئالماتادا بىرلىكتە چۈشلۈك تاماق يېگەن بولۇپ، نازاربايېف شى جىنپىڭنى كاۋاپ قاتارلىق قازاق يېمەكلىرى بىلەن مېھمان قىلغان. مېھماندارچىلىقتىن كېيىن شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يۈرۈپ كەتكەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-سېنتەبىردىن 10-سېنتەبىرگىچە ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 30 كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، قىممىتى 15 مىليارد دوللارغا توغرا كېلىدۇ.
ئۇ، 10-سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك يېتىپ كېلىپ دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە خىتاي-قىرغىز مۇناسىۋەتلىرى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. خىتاي قىرغىزىستانغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە قازاقىستاننىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈزگەن سودا كېلىشىمىنىڭ مىقدارى ۋە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بارلىق ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمدۇر. نۆۋەتتە، قازاقىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئاستانا بىلەن بېيجىڭنىڭ يېقىن ۋاقىتتا كۆزلىگەن سودا سوممىسى 40 مىليارد دوللاردۇر. بۇ سەۋىيىگە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېتىشى خېلى ئۇزۇن بولسا كېرەك.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، 3مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن زېمىنغا ئىگە قازاقىستان خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە كاۋكازىيە رايونى ھەتتا كاسپى دېڭىز رايونى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدە ئۆتكۈنچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. شۇڭا بېيجىڭ ئاستاناغا ئەھمىيەت بېرىشتە جۇغراپىيىۋى سىياسەت، ئېنېرگىيە ۋە سودا-ئىقتىساد ھەم ئۇيغۇر ئامىلىنى نەزەرگە ئالغان.