ش ھ ت نىڭ بىشكەك يىغىنى نۇقتىلىق بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.09.12
shi-jinping-qirghizistan-ziyaret-almasbek-atambayef-kelishim.jpg خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2013-يىلى 11-سېنتەبىر، بىشكەك.
RIA Novosti

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى 2014‏-يىلى ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە باشلايدۇ. غەرب ھەربىي كۈچلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى رايوندا بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بوشلۇقنى پەيدا قىلىپ، ئافغان-پاكىستان چېگرىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل جىھادچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر ۋە خىتايغا جىددىي رىقابەت پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېچىلىدىغان بىشكەكتىكى باشلىقلار يىغىنى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى رىقابەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىدۇ.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە مۇتەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يىغىندا ئافغانىستان ۋەزىيىتى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي بىلەن چېگرىداش بۇ ئەلنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، يىغىندا يەنە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بوشلۇق ئەڭ ئاسان تەسىر كۆرسىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلە. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېف بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

بەزى ئانالىچىلار، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىشنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوندىكى مەبلىغىنى قوغداشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگونىڭ ئارقا ھويلىسى. خۇسۇسەن، ئۇنىڭدىكى مىللىي مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل يامانلىشىپ ماڭدى. ئۇنىڭ بەزى سىياسەتلىرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ قوغلىشىدىغان دىپلوماتىك ۋە ھەربىي نىشانى جۇڭگونىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش. بۇرۇن ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت يوق ئىدى. ھازىر ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن بوشلۇق ئۇنىڭ يۇقىرىقى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ ئافغان-پاكىستان چېگرىسىدىكى رايونلاردا ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بەزى قوراللىق توقۇنۇشلارنى ئۇلارنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت كونترولسىز قالسا، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ خىتايغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرگە ياردەم قىلىپ ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرسا، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئارقا سەپ يولىنى كېسىپ تاشلىيالايدۇ.

بىراق جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى باستۇرۇشقا تايىنىپ ھەل قىلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

ئۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ خىل ھەرىكىتى مەسىلىنى مەملىكەت ئىچىدىكى تەدبىرلەرگە تايىنىپ ھەل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنىلا چەتئەلنىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج بولدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، باستۇرۇشقا، مۇستەملىكىچىلىك ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتلىق ئىشقا يارىسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشقا يارىمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش جۇڭگو بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى دۆلەتلەر ئەمەس. ئۇلار قىسقا مەزگىللىك مەنپەئەتنى دەپ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، خالاس، دەپ كۆرسەتتى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى چەتئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ باستۇرۇش ئەمەس، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك. جاڭ ۋېيگو مۇنداق دەيدۇ: ئەڭ ئەقەللىيسى، سەن ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك. قىسقىسى ئۇلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى بار. كومپارتىيە ئۆزى ئىشىنىدىغان ماركسىزم ۋە ئۇنىڭ مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش نەزىرىيەسىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى. بىراق، كومپارتىيەنىڭ بىر پارتىيە ئىستىبداتلىق خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ئىمكانسىز.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا يەنە 16 ئاي قالدى. ئۇنىڭ ئافغانىستاننى تەرك ئېتىشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تەرك ئەتكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خۇسۇسەن، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ كېتىشىنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن. بىراق بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن بارلىققا كېلىدىغان بوشلۇقنى خىتاي ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تولدۇرۇپ كېتەلىشى ناتايىن. ئۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن ھەربىي كۈچى يوق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى، مەنپەئەتى پەرقلىق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا گۇمانخورلۇق ئېغىر.

بەزى ئانالىزچىلار، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بىر پۈتۈن گەۋدە. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگونىڭ ئارقا ھويلىسى، ئامېرىكا جۇڭگونى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قامال قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئارقا ھويلىسىنى تاشلاپ قويمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.