12-ئاينىڭ 26-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرىنى تاۋاپ قىلىشى خىتاي بىلەن كورېيەنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
ب ب س نىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىدە «ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازىرىنى تاۋاپ قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابېنىڭ تۇيۇقسىزلا مازارلىقنى تاۋاپ قىلىشى، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى چەكتى. ئابې «ئا» دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن 14 نەپىرى دەپن قىلىنغان مازارلىقىنى تاۋاپ قىلدى. باش ۋەزىر شىنزو ئابې ياپونىيەنىڭ خىتاي ۋە كورېيە بىلەن تۈزگەن، «ياپونىيە رەھبەرلىرى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازارلىقنى تاۋاپ قىلمايدۇ» دېگەن كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلدى. ياپونىيە بىلەن خىتاي ۋە كورېيەلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يەنە قايتىدىن مۇزلىدى» دېيىلگەن.
جاپان تيمېس گېزىتىنىڭ 27-دېكابىردىكى خەۋىرىدە «ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىككىنچى قېتىملىق باش ۋەزىرلىك تەختىگە ئولتۇرغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلدى.بۇ مازارلىقنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپون مىلىتارىستلىرىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغان خىتاي بىلەن كورېيە ئابېنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئابېنىڭ مازارلىقنى تاۋاپ قىلىشى خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرا كەلدى» دېيىلگەن.
خەۋەردە «باش ۋەزىر شىنزو ئابې مازارلىققا پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 11:30 يېتىپ كېلىپ، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە بولغان ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ، شىنتو دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بويىچە تاۋاپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆز پۇلىدىن سەدىقە بەردى. بۇ مازارلىقتا ھەممىدىن بەكرەك دىققەتكە سازاۋەر بولغان قەبرە ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپونىيەگە باش ۋەزىر بولغان كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ھېسابلانغان گېنېرال ھىدېكى توجونىڭ قەبرىسى ئىدى. ئابې ياپونىيە باش ۋەزىرلىرى ئىچىدە كويزۇمىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىم بۇ مازارلىقنى تاۋاپ قىلغان باش ۋەزىر بولۇپ، كويزۇمى 2006-يىلى تاۋاپ قىلغان» دېيىلگەن.
خەۋەردە «توكيودىكى خىتاي ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇا دەرھال ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كۈچلۈك نارازىلىقنى بىلدۈردى. كورېيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاشلا ئىپادە بىلدۈردى» دېيىلگەن. خەۋەردە، باش ۋەزىر شىنزو ئابې مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا «مېنىڭ مازارلىقنى تاۋاپ قىلىشىم، كىشىلەرگە ئۇرۇش تراگېدىيەسىدىن يەنە قايتىدىن ئازاب تارتماسلىقىنى بىلدۈرۈش، ھەرگىزمۇ خىتاي ۋە كورېيە خەلقىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن قارشىلىشىش ئەمەس» دېگەن سۆزىمۇ كۆرسىتىلگەن.
ماينىچى شىمبۇن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە «ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ ياسۇكۇنى مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىشىدىن ئامېرىكا تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندى. ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىگە دىققەت قىلىش كېرەك دېدى» دېيىلگەن شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، باش ۋەزىر ئابې 2007-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدە ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازارلىقنى ئىزچىل تاۋاپ قىلىپ تۇردى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چېغىدىمۇ يەنى ئۆتكەن يىلى 17-ئۆكتەبىردە مازارلىقنى تاۋاپ قىلغان ئىدى» دېيىلگەن.
خەۋەردە«خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئابېنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ جېنمىننىڭ شۇ كۈنى ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ماساتو كىتېرانى چاقىرتىپ، ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئابېنىڭ ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىشىغا قارشى خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ئوخشاشلا كورېيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىمۇ ئۆز نارازىلىقنى بىلدۈرۈپ، كورېيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تەنقىدى ماقالىلەرنى ئېلان قىلماقتا، دېيىلگەن.
ياپونىيە باش ۋەزىر ئابېنىڭ ياسۇكۇنى مازارلىقىنى تاۋاپ قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.