شۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «6-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا كىتاب ۋە يازغۇچىلار فېستىۋالىدا» ئۇيغۇر ناخشا ۋە مۇزىكىسى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت ئۇيغۇر دەۋاسىمۇ تونۇشتۇرۇلدى. 17-نويابىردىن 20-نويابىر كۈنىگىچە داۋاملاشقان پائالىيەتكە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى لوندوندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، سەنئەتكار رەھىمە مەخمۇت خانىم، تۈركىيە بۇرسىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى كىشىلەر قاتناشتى.
بىز پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، رەھىمە مەخمۇت خانىم ۋە دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. رەھىمە مەخمۇت خانىم ئالدى بىلەن مەزكۇر فېستىۋال توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇۋاتقان بولۇپ، بەزى زىيالىيلار بۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە تاشلانماقتا، كىتابلىرى چەكلەنمەكتە ۋە بەزىلىرى تەقىب ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا.
رەھىمە مەخمۇت خانىم نۇرغۇن دۆلەتتىن يازغۇچى، سەنئەتكارلار ئىشتىراك قىلغان «6-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا كىتاب ۋە يازغۇچىلار فېستىۋال» دا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەلەم سۇندى، ئەلەم ئەزدى» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ پەريادىنى ئەركىن دۇنيادىكى يازغۇچىلارغا ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر لوندوندا تۇرۇۋاتقان يازغۇچى، تەرجىمان ۋە ناخشىچى رەھىمە مەخمۇت خانىم بىلەن بۇ فېستىۋالدا بىرلىكتە پائالىيەت قىلدۇق. بۇ پائالىيەتكە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، بىزنىڭ ئويۇنلىرىمىزنى قىزىقىپ كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق. بۇ يەردە بىز ئۇيغۇر مۇزىكىسى بىلەن ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرلىكتە رەھىمە مەخمۇت خانىم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى توغرىسىدا قىسقا ۋە تەسىرلىك سۆز قىلدى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆپ سوئاللارنى سورىدى. مەنچە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر پائالىيەت بولدى».
كۆپ يىللاردىن بېرى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتچى، تەرجىمان رەھىمە مەخمۇت خانىم ئاۋسترالىيەدە تۇرۇۋاتقان سۈيۈنگۈل خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسىرىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇ، لوندوندىكى ياۋرو-ئاسىيا ئىجادىيەت ۋە سەنئەت گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ يىل 6-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالغا 3 يىلدىن بېرى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تونۇشتۇرماقتا ئىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتىمۇ بىزگە مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر سەنئەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە 40 قېتىمغا يېقىن سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلاتقان. بۇلاردىن سىرت ئۇ لوندوندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.