شىۋېتسىيەدىكى تېررورچىلارغا لەنەت ئوقۇش نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپادىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەشكىللىنىپ تۈركىيەدە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان تېررور ھۇجۇملىرىنى لەنەتلىدى.

شىۋېتىسيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمنىڭ سىرگىل مەيدانىدا 13-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن 14:00 دىن 16:00 گىچە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

تۈرك ئىشچى پېدراتسىيۇنى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى، تەقۋا جەمئىيىتى، تۈرك ئاياللار پېدراتسىيۇنى، ئەزەربەيجان پېدراتسىيۇنى، تۈركمەنلەر جەمئىيىتى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك، كۇرد، ئېزەر، تۈركمەن بولۇپ تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق كىشىلەر قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلار «شېھىتلار ئۆلمەس، ۋەتەن پارچىلانماس» دېگەندەك شوئارلار بىلەن بىللە يەنە تېررورچىلارغا لەنەت بولىدىغان شوئارلارنى تەڭ توۋلىدى.

بۇ نامايىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نامايىشنىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇلىرىنى سەپلەش ۋە تەڭشەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ نامايىش ئاۋازنىڭ ياڭراق تارقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بىز نامايىش ئاخىرىدا، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەتنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇللا ئەھەد سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا زىيان سېلىپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسىدىكى دۆلەت،تەشكىلاتلارغا رەددىيە بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ كېلىۋاتقان تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن بۇنداق مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.