ئابدۇقادىر ياسىن 2015-يىلى ئايالى ۋە ئىككى قىزى بىلەن شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق سورىشىغا «يېتەرلىك دەلىل يوق» دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىنىپ، خىتايغا قايتىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. لېكىن، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە چىقارغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى بىردەك توختىتىش ھەققىدىكى قارارىدىن كېيىن، ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىنى ئىجرا قىلىش توختىتىلغان.
ھالبۇكى، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە كۆچمەنلەر سوتى ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتىپ كېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قارارى ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سىياسىي پاناھلىققا قايتا ئىلتىماس قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. بىز چارشەنبە كۈنى ئابدۇقادىرغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە يۇقىرىقى قارارنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى سورىدۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىرغا قەدەر كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۇرۇشلۇق يەۋلە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا «ھازىرغىچە ئۇلارنى قايتۇرۇش توختىتىلغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
ئابدۇقادىر: «ماڭا ھازىرچە تېخى رەسمىي خەۋەر كەلمىدى. ئەمما بىز تۇرۇۋاتقان يەۋلە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان ئۆيى بارتى. بىز شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان. ئالدىنقى قېتىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ساقچى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى 3 ئورۇن بىر-بىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىزنى بالدۇرراق ماڭدۇرىۋېتىشكە زورلاۋاتقان، تۇرۇۋاتقان ئۆيۈڭنى ئېلىۋالىمىز، دېگەن. ئەمما ئالدىنقى قېتىم بارسام، ‹بىز يېڭىدىن خەۋەر تاپشۇرۇۋالدۇق، سېنىڭ ئىشىڭ ھازىرچە توختاپتۇ. ھازىرچە خاتىرجەم تۇرۇۋەر. كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن قاچان جاۋاب كېلىپ قارار چۈشكىچە سەن تۇرالمايسەن›، دەپ ئاشۇنداق بىر خەۋەرنى بەردى.»
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىر رەسمىي ئادۋوكات تۇتقان بولۇپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ جاۋابىنى ساقلىماقتا ئىكەن. ئابدۇقادىر: «12-چېسلا مەن سىتوكھولمغا بېرىپ، ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈم. كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ماڭا ۋەكىللىك قىلىشىغا ئىمزا قويۇپ بەردىم. ئادۋوكاتىم كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە خەت يېزىپتۇ، ئەمما تېخى جاۋاب كەلمەپتۇ» دېدى.
شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئابدۇقادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش قارارى ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ھەر قانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مەدىلاين سەيدلىتس خانىم چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قارارى ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىغا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەدىلاين سەيدلىتس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قارار پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ قايتۇرۇلۇش قارار قىلىنغان دېلولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى قارار قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان، ئەمما تېخى قايتۇرۇلمىغان، قايتۇرۇلۇشنى ساقلاپ تۇرغان پاناھلانغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دېلولارغا ئىشلەيدۇ. لېكىن بۇ كونكرېت قانداق تەتبىقلىنىدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. بەلكى بۇنىڭ تەپسىلاتىنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تورىغا كىرىپ ئىزدەپ باقسام بىلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭغا دائىر جاۋابلارنى بەلكى شۇ يەردە تاپالايسىز. ئۇ يەردە بولمىسا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ سورىساق بەلكى شۇلار جاۋاب بېرىدۇ.»
شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قارارى شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلىپ، نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقان ياكى پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان قانچىلىك ئۇيغۇرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بىز شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭ جاۋابىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مەدىلاين سەيدلىتسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ جاۋابىنى ئۇلارمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بىر ئائىلىنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنى بىلمىدىم. چۈنكى، بىزنىڭ تەجرىبىمىزدىن بىلىشىمىزچە 2012-يىلى ئاساسەن بارلىق (ئۇيغۇرلار)نىڭ قوغدىنىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان. ھازىر پەقەت بىرلا ئائىلىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى ھەل بولماي قالغان ئىدى. ئەمدى ھازىر ئۇلارمۇ قايتا سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلالايدۇ. دېمەك بۇ دېلومۇ ھازىر قايتا كۆرۈپ چىقىش باسقۇچىدا. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر مەنپىي تەسىرگە ئۇچرىغان بىرەر دېلونىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. كىشىلەردىكى ھازىرقى ئومۇمىي قاراش، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ياكى قايتۇرۇۋېتىش يەنىلا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قولىدا، بۇنىڭغا شۇلار قارار قىلىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش توختىتىلىپلا قالماي، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنى تېزلەتكەن. سىتوكھولمدا ئولتۇرۇشلۇق نومانجان 2015-يىلدىن بېرى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان. ئۇنىڭ چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغا نومانجان بىلەن سىڭلىسىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
نومانجان: «شىۋېتسىيە سىتوكھولمدا ماڭا 3 يىل بولدى. 3 يىلنىڭ ياغى بىر يېرىم يىلدا بىزنى بىر قېتىملا سۆھبەتكە چاقىرىپ، 2 قېتىم بىر يېرىم يىلغىچە چاقىرىپ باقمىغان. چۈنكى، بىزدە ۋېنگىرىيەنىڭ دوبلىنى (كىرىشنامىسى ) بار ئىدى. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى بىرىنچى سۆھبەتكە چاقىرىلدۇق. 6 ئايدىن كېيىن 2-سۆھبەت بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر سۆھبەت بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئادۋوكاتىم بىزگە ئېلخەت يوللاپتۇ، مۇنداق كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئالاقىلىشىپ خەت ئەۋەتىپتىكەن. بىزگە (پاناھلىق) بېرىدىغان قارار چىقىپتۇ. بىزنىڭ رەت قىلىنمىغان، لېكىن بىزنىڭ دوبلىن بار ئىدى. بىرىنچى بولۇپ ۋېنگىرىيەگە 2015-يىلى قاچاق كىرگەنتۇق. ۋېنگىرىيەدىن كىرگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىزنى ۋېنگىرىيەگە قايتۇرۇۋېتىمىز دەپ 6 ئاي دەككە-دۈككىدە ياشىدۇق. بىر يېرىم يىلدىن كېيىن بۇ قانۇنمۇ توختىتىلدى، ۋېنگىرىيەگە قايتۇرمايمىز، دەپ. چۈنكى ۋېنگىرىيەنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەسكەنتۇق. شۇ قېلىپ قالغان پېتى ئىلتىماسىمىزغا قايتا قاراپ چىقىدىغان بولۇپ ساقلاپ كەتتۇق.»
شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنى توختاتقانلىقى، بۇ ئۇچۇرلاردا «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بەك ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، «بۇ قارار يەنە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00