15-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر ئوچۇم قوماندان ۋە ھەربىي تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ، 250 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە 31-ئىيۇل كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق تۈرك ئەلچىخانىسى ئالدىدا گۈلەن جامائىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر نامايىشقا شىۋېتسىيەدىكى تۈركلەردىن باشقا، ئىراق تۈركمەنلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
نامايىش 15-ئىيۇل ئەسكىرى ئىسياندا ھاياتىدىن ئايرىلغان 250 نەپەر كىشىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
كېيىن تۈركىيەنىڭ سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كايا تۈركمەن سۆزگە چىقىپ، مەزكۇر نامايىشقا قاتناشقان، يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ۋەتەنداشلار ۋە قېرىنداشلارنىڭ 15-ئىيۇلدا فەتھۇللاھ گۈلەن تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىرلىك سەپ بولۇپ نامايىشقا قاتناشقانلاردىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش غەلىبە قىلغان بولسا، ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاشنىمۇ خالىمايمەن. بەلكى بۇ، بالانىڭ ياخشى تەرىپى رەڭگى، ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 78 مىليون تۈرك خەلقنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇردى. بۇنىڭ داۋاملىشىشىنى خالايمىز...» دېدى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «15-ئىيۇل كەچتە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن قانلىق ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا دەرھال تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تۈرك خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلغانىدۇق. لېكىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ زوراۋان ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىمىز بۇنىڭلىق بىلەن بېسىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن، شىۋېتسىيەدىكى خەلق پىدائىيلىرى ۋەكىلى گۈلخان خانىم بىلەن ئۇيۇشمىمىز ھەمكارلىشىپ، 31-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن 5 يېرىمدىن 10 غىچە بولغان ئارىلىقتا سىتوكھولمدىكى ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى.
نامايىشقا تۈرك جامائەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تۈركمەنلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيە خەلقى تەرىپىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەت كۈندە يېنىدا بولالىغىنىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئاڭلاتتى.