شىۋىتسىيەدە خىتاينىڭ پەن-تېخنكا نامىدا ئېلىپ بارغان سودىسى پاش بولدى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ داڭلىق «پادىشاھ ئالىي تېخنىكا نىستوتىك ت ھ» غا قاراشلىق تەتقىقات مەركىزى بىلەن تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىش باھانىسى بىلەن يېقىنلىشىپ، شىۋېتسىيەنىڭ «جاس» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر پروگراممىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان سودىسى ئاشكارىلىنىپ شىۋىتسىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر 25 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دىكتاتور ھۆكۈمەت»دەپ بېكىتىپ، قورال-ياراق ۋە ھەربىي تېخنىكا ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستان، تىبەت خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغان كىشىلىك ھوقۇقى ناچار دۆلەت قاتارىدا بولغاچقا، بولۇپمۇ تىيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كىيىن شىۋېتسىيە خىتاينى ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىمەسلىككە پارلامېنتتىن جىددىي قارار چىقارغان بىر دۆلەت.

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ سودىدا پەقەت پەن-تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى،بۇ تېخنىكىنى ھەربىي ھازىرلىقلارغا ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

3-سېنتەبىردىكى تېلېۋىزور،رادىئو،گېزىت خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ پەن-تېخنكا نامىدا ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيتمەكچى دېگەن ماۋزۇلاردا خەۋەر باش تېما بولۇپ،شىۋىتسىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ مەسىلىگە قارىتا شىۋېتسىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە يېشىللار پارتىيىسى خىتايدەك بىر دىكتاتور دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا نامىدا ھەر خىل ھەمكارلىققا قارىتا دىققەتسىزلىك قىلغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى پارلامېنتتىكى مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىش ئورگىنىغا ئۇستىدىن ئەرز سۇندى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن شىۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاينىڭ پەن -تېخنىكا ھەمكارلىق نامىدا ئېلىپ بارغان، قىلمىشىغا قارىتا كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى.

ئۇ يەنە شىۋېتسىيەنىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى،كىشىلىك ھوقۇقنى، ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن يۇقىرى ئورنىدا قويىدىغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىدى.

ئاخىردا خىتاينىڭ بۇ سودىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي دىپلوماتىيە جەھەتتە بىر سۈركىلىش ئېلىپ كېلەرمۇ دېگەن سوئالىمىزغا دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى.