شۆھرەت مۇتەللىپوف ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ نەتىجە قازاندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ د ن ئا (DNA)، يەنى گېنلىرىغا قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ نەتىجە قازانغان.

«MIT Technology Review» ژۇرنىلىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئورىگىن شتاتىدىكى ساغلاملىق ۋە پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى CRISPR دەپ ئاتالغان يېڭى تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ د ن ئا (DNA)، يەنى گېنلىرىنى تۈزىتىپ چىققان.

مەزكۇر ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شۆھرەت مۇتەللىپوف باشچىلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ يېڭى تەجرىبە گېنېتىكىلىق (ئىرسىيەت خاراكتېرلىك) كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گېنلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزگەرتىش مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. لېكىن، شۆھرەت مۇتەللىپوف ھازىرچە ئۆز تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي ماقالە تەييارلاپ ئېلان قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.

CRISPR يېڭىچە گېن ئۆزگەرتىش مېتودى بولۇپ، بۇ كەلگۈسىدە گېنېتىكىلىق، يەنى ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. مەتبۇئاتلارنىڭ يېزىشىچە، 2015-يىلى، خىتاي ئىرسىيەتشۇناسلىرى تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ گېنلىرىنى ئۆزگەرتىش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەجرىبىدە مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەزى يېتەرسىزلىكلەر بولغان.

شۆھرەت مۇتەللىپوف گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ د ن ئا (DNA) لىرىغا، يەنى گېنلىرىغا قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ نەتىجە قازانغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدىكى زور ۋەقە ھېسابلىنىدىغان بۇ خەۋەر ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ئۇچۇرغا ئايلاندى.

بۇ، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئەسلىدە رۇسىيەدە مائارىپ تەربىيىسى ۋە تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكىغا كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلسە، قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش جەھەتتىن «ئەسلى قازاقىستانلىق ئالىم» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپوف قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە مائارىپ تەربىيىسىنى ئالماتا، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئالغاندىن كېيىن 1995-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىرسىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.