شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئىنكاس قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

2014-يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى شوتلاندىيەدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشى ياكى بۈيۈك بېرىتانىيە بىرلىكى ئىچىدە بولۇشى بەلگىلىنىدۇ.

شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشى ھەققىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش دۇنيانىڭ پۈتكۈل ئاخبارات ساھەسىدە كۆپلىگەن مۇنازىرىلەرنى قوزغىماقتا.

12-سېنتەبىر ياپونىيە N H K تېلېۋىزىيەسىنىڭ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشى مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىغا ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ھازىر دەم ئېلىشقا چىققان ياپون دىپلوماتلىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپون دىپلوماتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى مۇستەقىللىق كۆز قارىشى ئۈچ يۈز يىل ئىلگىرىدىن تارتىپلا ئۇلۇغ بېرىتانىيە بىرلىكى ئىچىدە ياشاۋاتقان شوتلاندىيەلىكلەردە مەۋجۇت ئىدى.

ئۇلار، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ 21-ئەسىردە قايتىدىن گۈللىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىزچىل ھالدا مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش شوئارى بىلەن تارىختىن بېرى ئالداپ كېلىۋاتقان قۇل قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەۋرنىڭ ئۆتۈشى، زامان ۋە ماكاننىڭ تەقەززاسى بىلەن بار-بارا قارشىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ياپون دىپلوماتلىرى، ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا بۇنىڭ ھەتتا ياپونىيەگىمۇ زور تەسىرى بولىدىغانلىقىنى، توكيودىن يېقىندىن بۇيان مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئوكىناۋالىقلارنىڭ ياپونىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرۇشىغا زور ئىلھام بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك ژۇرنال» نىڭ 12-سېنتەبىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان، ژۇرنالىست پائۇلنىڭ: «ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىللىققە ئاۋاز بەرسە، پادىشاھ ئىلزابىت ئىككىگە بۆلۈنىدۇ» سەرلەۋھىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدە، ئايال پادىشاھ ئىلزابىت ئىككىنچىنىڭ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىن خوش بولمايۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ سىياسىي كۈچى بولمىغان خان ئائىلىسىنىڭ بۇ مەسىلىدە كۈچىنىڭ بارىچە ھەرىكەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پائۇل ماقالىسىدە، پادىشاھ ئىلزابىتنىڭ ئاممىۋى مۇراسىملاردا دائىم تەكىتلەيدىغان: «مەن شۇنى ئۇنۇتماسلىقىم كېرەككى، ماڭا ئۇلۇغ برىتانىيە ۋە جەنۇبىي ئىرلاندىيەنىڭ شاھلىق تاجى بېرىلگەن» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمدىلىكتە ئانچە قىممىتى قالمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ،ماقالىسىدە: «شوتلاندىيەلىكلەر مۇستەقىللىق جاكارلىسا، ئۇلۇغ برىتانىيەدىن ئىزچىل ھالدا ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرلاندىيەلىكلەر ئەلۋەتتە ‹بىزمۇ ساڭا تەئەللۇق ئەمەس!› دەپ باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ» دېگەن.

ياپونىيەدىكى بەزى بىر تور بەتلىرىدە شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپ مىللەتلىك ئىسلام دۆلەتلىرىگە، جۈملىدىن ئىزچىل مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىراقتىكى كۈرتلەر ۋە ئىراندىكى ئەزەرىيلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «جاپان تايمېس گېزىتى»نىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى شوتلاندىيەدىكى بىر چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن سەدىقە توپلاش دىنىي مۇراسىمىغا قاتناشقان ئايال پادىشاھ ئىلزابىت ئىككىنچى چېركاۋ مۇخلىسلىرىغا قىلغان سۆزىدە، شوتلاندىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللاش مەسىلىسىدە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ ئىش كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پادىشاھ ئىلزابىت چېركاۋدا سۆزلىگەن نۇتقىدا «شوتلاندىيە خەلقى ئۆز كەلگۈسىنى ئوبدان ئويلىشىشى كېرەك » دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تەكرارلىغان.

«جاپان تايمېس گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى شوتلاندىيەدە كۆپلىگەن ناخشا چولپانلىرى «شوتلاندىيە كېچىسى» سەنئەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۈچ مىڭغا يېقىن تاماشىبىنلار قاتناشقان سەنئەت كېچىلىكىدە، داڭلىق ناخشىچى رىكي رۇس پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش سايلىمىدا كۆپچىلىكنىڭ شوتلاندىيە مۇستەقىللىقىغا ئاۋاز بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئايال پادىشاھ ئىلزابىت ئىككىنچى يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىشلىرىنى ئاساسلىقى شوتلاندىيەدىكى داچا-سارايلىرىدا ئۆتكۈزىدىكەن.

ياپونىيەدىكى بەزى بىر خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، خىتاي ئۆزىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ بېيجىڭغا ئىش تېرىپ بېرىشتىن قاتتىق ئەنسىرىگەن شۇنداقلا بۇ ئىش شياڭگاڭ مەسىلىسى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مەزلۇم مىللەتلەرگە زور ئىلھام بەخش ئاتا قىلىدۇ. بولۇپمۇ رۇسىيەدىكى، ئۇكرائىنادىكى، جۈملىدىن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تىزدىن تەسىرى بولىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پۇلغا، ئىقتىسادقا، ھەربىي كۈچكە تايىنىپ مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى. خىتايدىكى ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەسىلىسى شوتلاندىيە مەسىلىسى بىلەن ئانچە پەرقلىق بولمىسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.