ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دوستلۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 10-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بەيلىك دۈزۈ رايونىدىكى كايا ئىستانبۇل كۆرگەزمە مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 16 دۆلەتتىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەركىب تاپقان 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» دېگەن ئانا تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا، يەنى 26-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئورتاق قېتىلىشى بىلەن خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى ئۆز ئارا ئۆتكۈزگەن يېپىق يىغىنىدا قارارلاشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دوستلۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

«دوستلۇق خىتابنامىسى» نى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ «دوستلۇق خىتابنامىسى» نى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: «10-نۆۋەتلىك ‹دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى› يىغىنى ۋە ‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى› يىغىنىغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى بىردەك تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى، خەلقىمىزنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى يولىدا ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، چوڭ-كىچىك زىددىيەتلەرگە يول قويماسلىق، بىرلىك باراۋەرلىككە زىت كېلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ھەر قانداق كۈچ ۋەياكى دۆلەتنى دۈشمەن دەپ قارىماسلىق. تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر بىر-بىرىگە قارشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بولسۇن، مەيلى مەتبۇئاتلاردا بولسۇن پىتنە-ئىغۋاغا سەۋەبچى بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش. تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر-بىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش. ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مىللىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇندا قويغان ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆز ئارا بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، كېڭىشىش ۋە ماسلىشىش. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش. شەرقى تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى ئارىسىدا قەرەللىك مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىش، پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا كرىزىسلارنى ھەل قىلىش گۇرۇپپىلىرى تەشكىل قىلىش ۋە ۋاھاكازالار.»

10-نۆۋەتلىك ‹دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى› يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار بىر قانچە تۈرلۈك نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مىللىي كىملىك ۋە مىللىي بىرلىك شەكىللەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن سياسىي-ئىدىيە بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش، ئورگان ۋە كوللېكتىپ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ئىدىيىسى يېتىلدۈرۈش شۇنداقلا مۇستەملىكىنى تامامەن رەت قىلىدىغان مىللىي ئاڭنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر.»

خۇلاسە دوكلاتىدا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي فوندى» نىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىقتىساد فوندىنىڭ تەسىس قىلىنىشى› دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇلغان بولۇپ، تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورتاق قاراشلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي فوندى› نى قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي فوندى› نىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 13 ئەزادىن تەركىب تاپقان تەييارلىق ھەيئىتى تەشكىللەندى.»

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە قېيىن ئەھۋاللارغا قارىتا ھەل قىلى چارىلىرى ۋە چىقىش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.»

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەيسا ساۋۇت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئەيسا ساۋۇت قارىم ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.