شىۋېتسىيەدىكى ياشلار شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىن تۇركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىئانە توپلىدى

0:00 / 0:00


شىۋېتسىيە «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» دىكى ياشلار تۇركىيەگە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىينچىلىقتا قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ئايلىق مەشرىپىدە ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن يىغىلغان پۇللىرىغا مەشرەپتىكى بالىلارنى ۋە ئەتراپتىدىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.

بۇلارنىڭ ياردەم بېرىش پائالىيىتىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار بۇلارنى يېقىندىن قوللاش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ زۈلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن قېرىنداشلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشلىك ياردىمىنى يەتكۈزدى.

29 - دېكابىر كۈنى ئۇلار تۇركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجىلىق ئۇيغۇرلارغا 3 مىڭ دوللار پۇلنى يوللىدى.

«ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەن، ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، مەشرەپكە داخىل بولغان ئۇيغۇرلار بۇ مەشرەپ ئارقىلىق، ئۆز - ئارا ئەھۋاللىشىش، چۈشىنىش، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاغرىق - سىلاقلاردىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇلارنى يوقلاش، ئۆز - ئارا ئارازلىشىپ قالغانلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەش، شىۋېتسىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ماددىي - مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى مەشرەپنىڭ نىشانى قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئۇلارنىڭ 2014 - يىلدا قىلغان ئىئانىسى 10 مىڭ دوللارغا يەتكەن بولۇپ، مەشرەپ ئەھلى شىۋېتسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرىستان مەشرىپىنىڭ يىگىت بېشىنى زىيارەت قىلدۇق.