شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرىستان مەشرەپ ئەھلى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2015.11.11
shiwitsiye-uyghur-abdulla-ahet-omer-mehsum-nijat-turghun.jpg ئوڭدىن سولغا: نىجات تۇرغۇن، ئابدۇللا ئەھەد، ئۆمەر مەخسۇم
RFA/Ihsan


شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» جامائىتى 8 - نويابىر سىتوكھولمنىڭ ئالبىي رايونىدىكى پائالىيەت زالىدا 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلىدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مەشرەپ ئەھلى ۋە يۇرت چوڭلىرىدىن بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ قىرائىتى ۋە دۇئاسى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان ئۆمەر مەخسۇم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئەجدادلىرىنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يولىنى ئىزچىل داۋام قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە يەنە، مېھمانلارغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسى تەسۋىرلىنىپ ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم قويۇپ بېرىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا بىز، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» نىڭ يىگىت بېشى دانىيار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان باشقا شەھەردىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئارۇپجان ئەپەندى، تەكلىپ بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان يۇرت چوڭلىرىدىن بەختىيار ئەپەندىلەر ئۆز تەسىراتىنى ئاڭلاتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.