ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەرگە كىيىم - كېچەك ئىئانە قىلدى

0:00 / 0:00


شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 5 - نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپاغا كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەگە مەركەزلەشكەنلىكى سەۋەبلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش چەكلىمىسى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە قىش مەۋسۇمى يېتىپ كەلگەچكە يەنە كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل ياۋروپاغا كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 700 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل شىۋېتسىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەر ساننىڭ 100 مىڭدىن ئاشقانلىقى، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە كەلگەنلەرنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كېلىدىغان كۆچمەنلەر ئومۇمى ساننىڭ 140مىڭدىن 160 مىڭغا يېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

شىۋېتسىيەدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ كۆچمەنلەر خىزمىتىگە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، مۇساپىرلارنىڭ سانى، قىش پەسلى يېتىپ كەلگەچكە بۇلارغا جىددىي قىشلىق كىيىم - كېچەك، ئەدىيال، يوتقان قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» پائال ھەرىكەتلىنىپ سىتوكھولم ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خەۋەر قىلىپ، كىيىم - كېچەك، ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىك بۇيۇملارنى توپلاش بىلەن بىرگە، مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمنى شىۋېتسىيەدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە 5 - نويابىر كۈنى يەتكۈزۈپ بەردى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەتنى زىيارەت قىلدۇق.

ئابدۇللا ئەھەت سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى، كۆچمەنلەرنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ھەر كىشىنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا ئايرىمىچىلىق قىلماي ياردەم بېرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان خەدىچە خانىم ئۆزىنىڭ كۆچمەنلەرگە كېرەكلىك بۇيۇملارنى تەييارلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى ئاڭلاتتى: «كۆچمەنلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىز بەك ياخشى چۈشىنىمىز، چۈنكى بىزمۇ كۆچمەنلىك ھاياتىنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ دۆلىتىمىزدىن ئايرىلىپ بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز. بۇ كۆچمەنلەر جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ ھاياتىنىڭ تەھدىتىگە قارىماي، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى چېكىۋاتىدۇ. بىز ھازىرقى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە بولۇۋېلىپ، بۇلار بىلەن كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ. مەنمۇ ئۆيۈمدىكى يوتقان ۋە باشقا بالىلارنىڭ كىيىلمىگەن كىيىملىرىنى ۋە ئازراق بولسىمۇ پۇل بەردىم. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بىزمۇ بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قاراپ تۇرماسلىقىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

ئابدۇللا ئەھەد زىيارەت ئاخىرىدا گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئالدىغا كەلگەن بۇ پۇرسەتتە كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىشقا چاقىرىدى.

ئېگىلىشىمىزچە، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن كېيىنكى كۈنلەردە يەنە بىر قاتار ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.